تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: بايراملىق «كۆكتات خالتىسى» ئارقىلىق «يۇقۇمغا قارشى جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىش» ئىشەنچى يەتكۈزۈلدى

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چىداۋان شىمالىي مەھەللىسى خۇيجەن لەنۋەن ئولتۇراق رايونىدا، «شياۋبېي سىزگە ياردەم بېرىدۇ» ئاھالىلەر پىدائىيلىرى خې يانەن، ۋاڭ شۈەن ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كۆكتات خالتىسى ئۈستىگە مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ، كۆپچىلىكنى يۇقۇمغا قارشى جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىشىگە ئىلھاملاندۇردى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ شىنجۈن، ۋاڭ چىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ چاڭ، مەۋلان مەمەت، جاڭ بو، رامىلە ئىسمايىل، ئىززەت روزى خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار ھەر مىللەت ئاممىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە داۋاملىق پائال كاپالەتلىك قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاممىنى قۇربان ھېيىت مەزگىلىدە كۆكتات، كالا، قوي گۆشى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەم تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان خالتىغا «يۇقۇمغا قارشى جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىمىز» قاتارلىق سۆزلەرنى يېزىپ، كۆپچىلىككە مەدەت بېرىپ ئىشەنچ يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى كۆڭۈللۈك بايرام ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بەردى. بەزى مەھەللىلەر يەنە خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلارغا بايراملىق سوۋغات يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنيۈەن مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بو (سولدا) خىزمەتچى خادىم خالىدە بىلەن بىللە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىگە قۇربان ھېيىتلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تەييارلىماقتا.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بىلەن تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سەنشەن مەھەللىسىدە، خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار ئاھالىلەر زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان كۆكتاتلارنى ئايرىپ قاچىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ بايراملىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئېرداۋەن مەھەللىسىدە، خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىدائىيلار ئاھالىلەرگە گۆش، تۇخۇم قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ، بايراملىق  ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گوجىچېڭ مەھەللىسىدە، پىدائىيلار قوي گۆشى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ بايراملىق  ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى