تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت چوڭ بازار كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى سىجىل ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر خې زې): ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جيۇدىڭ، شىنليەن، يېڭى بېييۈەنچۈن، لىڭچىڭدىن ئىبارەت تۆت چوڭ توپ سېتىش بازىرىنىڭ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى سىجىل ئاشتى، ھەرقايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، كۆكتات تۈرلىرىنىڭ مول، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جيۇدىڭ بازىرى» دېيىلىدۇ) شىنجاڭدىكى 1-دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ جيۇدىڭ بازىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، جيۇدىڭ بازىرىدىكى ئىككى كۆكتات سودا مەركىزىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تىجارەت قىلىدىغان كۆكتات تۈرى 100 خىلدىن ئاشىدىكەن، كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 3500 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، باھاسى مۇقىم ئىكەن، بازارنى تەمىنلەشكە تامامەن كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.

  جيۇدىڭ بازىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، ئىشىكتىن كىرگەندە دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كودنى سىكاننېرلاش، تىزىملاش، ماسكا تاقاش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەركۈنى بازارغا كىرگۈزۈلگەن كۆكتات تۈرلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قاتتىق تەكشۈردى.

  يېڭى بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ئۇچۇر نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى لى شۆشەن مۇنداق دېدى: «بازىرىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودىگەرلەرنى تەمىنلەش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پائال تەشكىللىدى، نۆۋەتتە ھەركۈنى 455 توننا يېڭى كۆكتات بۇ بازاردا سېتىلىۋاتىدۇ، شوخلا، لازا، چەيزە، دوۋجاۋ، ليەنخۇابەي قاتارلىق مۇشۇ پەسىللىك كۆكتاتلارنىڭ ھەممسى بار، كۆكتات تۈرلىرى مول.» بۇ يېڭى كۆكتاتلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، نەنسەن قاتارلىق جايلاردىن كىرگۈزۈلىدۇ.

  مۇخبىرلارنىڭ لىڭچىڭ، تۇڭخۇي قاتارلىق توپ سېتىش بازارلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلارمۇ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلار بىلەن پائال جىپسىلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە ئۈزۈپ، بىۋاسىتە تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى بازىرىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە پائال كاپالەتلىك قىلغان.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۈرلۈك توپ سېتىش بازارلىرىدا كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، 60 خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتنىڭ توپ سېتىش باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقۇم يۈزبېرىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە چۈشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى