تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 28، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى توققۇز بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 12، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 11 بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 606 (خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى ئالتە، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 21)سى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 602، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىككى (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى بىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم بىلەن چېتىشلىق ئاغرىق مىسالى بىر)، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)، بىڭتۇەندە بىر؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 114ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 112، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)، بىڭتۇەندە بىر؛ 15 مىڭ 213 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 42، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 37 بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.