تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى: نۇقتىلىق تۈرلەرگە سىرتتىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 17-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شەھەر بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپكارلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى پائال ياخشى ئىشلەندى.

  بىرىنچىدىن، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدىكى تۇرمۇش كاپالىتى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر پائال رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىنى كۆكتات، گۆش، ئاشلىق، ياغ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تەمىناتى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەمدە ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋاقتىدا ئىگىلەندى.

  ئىككىنچىدىن، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ياخشى ئىشلەندى. قىسمەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئىنكاس قىلىنغان ئىشلەمچىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياج يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا، «نۇقتىدىن نۇقتىغا يەتكۈزۈش» بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاراشلىق مەھەللە ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ، كۆكتات، گۆش، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

  ئۈچىنچىدىن، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدىكى خادىملارنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىىدىكى تۇرمۇش رايونىنىڭ توك، گاز ئىشلىتىش ئەھۋالى چۆرىدىلىپ ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ ۋاقتىدا تۈگىتىلىپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدىكى تۇرمۇش رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. تۇرمۇش رايونلىرىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ماسكا تاقاش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلەپلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شەخسلەر ئۆزى مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدىكى ئاشخانىلارغا بولغان باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاشخانا سايمانلىرى ئايرىپ ئىشلىتىلدى، مەيدان-سورۇنلار قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەمچىلەرنىڭ داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى