يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا ئۈچ كۈن تۆۋەنلىدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇانىڭ 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ نۆۋەت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا ئۈچ كۈن تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى مەزگىللىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 29، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى توققۇز؛ 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 565، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 110 بولغان. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت نۆلدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق جەمئىي 23 بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 22 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان، بۇ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نۆۋەتتە، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە كەڭ دوختۇر - سېسترالار «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالىماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈي رۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، پۈتۈن شەھەرنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا قىلغان ئەجرىمىز بىكارغا كېتىدۇ. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمەسلىكى، ئالاقزەدىمۇ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىجىل پۇختا، ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بىرىنچى ۋاقىتتا يۆتكەپ ۋاقتىدا داۋالىتىش بىلەن بىللە، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا قاتتىق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ئائىلسى، تۇرۇشلۇق بىنا ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ، بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان مۇھىتتىكى بارلىق جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى، بۇيۇملارنى، ھاۋانى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ، ئەتراپتىكى ئاممىۋى مۇھىتنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەھەللە خادىملىرى، پىدائىيلارغا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشنى ئەسكەرتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىگەن.