تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ھەقسىز بولۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بەزى ئامما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالىنىش خىراجىتى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شىنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىراجىتى راسچوت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي ئاغرىقلار ھەم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تارقاتقان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى» قاپلىغان داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە دورىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە ۋاقىتلىق كىرگۈزگەن. باشقا جايدا كېسەل كۆرسىتىپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ۋە گۇمانىي ئاغرىقلار ھەم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار ئاغرىقلارنىڭ ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش ۋە داۋالىنىش خىراجىتى ھېساباتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك ئىكەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىنغان قىسمىنى داۋالانغان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتى ئالدىن چىقىم قىلىدىكەن، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تەشكىللىنىپ ھېسابات قىلىنىدىكەن.

خې شىنگو مۇنداق دېدى: سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئاغرىقلارنىڭ كېلىپ چىققان قۇتقۇزۇش - داۋالىنىش خىراجىتىمۇ ھەقسىز بولىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئاغرىقلارغا قارىتا، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش ۋە داۋالاش خىراجىتى ھېساباتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىراجىتىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئالدىن چىقىم قىلىدۇ، شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ۋە سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىغا جەملەپ يوللىغاندىن كېيىن، شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرىغا ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش جەھەتتە، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئارقىلىق دوختۇرخانىدىن چىققان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار قاتارلىقلار ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالىنىپ كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش كاپالىتى ئالاھىدە سىياسىتى بويىچە راسچوت قىلىنىدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ چىقىم قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا كېلىپ چىققان داۋالاش خىراجىتىنى ئايرىم راسچوت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئۇنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي سومما خامچوت كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزمەيدۇ، داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى تۆۋەنلەتمەي، ۋاقتىدا راسچوت قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇشى - داۋالىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسىنى خامچوت بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى