ئۆيدە تۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش
مۇتەخەسسىس پىسخىكىنى تەڭشەشنىڭ ئالتە قەدەملىك «ياخشى رېتسېپ»ىنى يېزىپ بەردى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۆيدە تۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، تەشۋىشلىنىش، تىت - تىت بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات پەيدا بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ پىسخىكا تېببىي مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئۆيدە تۇرۇۋاتقان پۇقرالارنىڭ پىسخىكا مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلىشى ئىنتايىن مۇھىم، «ئالتە قەدەم» ئارقىلىق پىسخىكىسىنى تەڭشىسە بولىدۇ.
«كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى يىل بېشىدىكىگە قارىغاندا ئېشىپ، ئالاقزەدە بولۇش پىسخىكىسى ئاز - تولا ئازايغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا ھەر خىل كەيپىيات، پىسخىكا، ھەرىكەت ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ، بۇ سېزىمچان ئىنكاسلارنى ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق تۈگىتىپ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ روھىي سەھىيە مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - خەلق دوختۇرخانىسى) پىسخىكىلىق باھالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ شيا يېلىڭ.
شيا يېلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچى قەدەمدە، ئۆيدە تۇرۇۋاتقان پۇقرالار بۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش نىشانى ۋە يۆنىلىشىنى قايتىدىن تۇرغۇزسا بولىدۇ. بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ قانچە پارچە كىتاب ئوقۇش، چوڭلارنى قانچە قېتىم ئۇۋۇلاپ قويۇش دېگەندەك پىلانلارنى تۈزۈپ، بۇ كىچىك نىشانلارنى تەدرىجىي ئورۇنداپ، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئۆزى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پىسخىكىلىق ھالەت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىسا بولىدۇ.
«ئىككىنچى قەدەمدە ئۆزىنى قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.» شيا يېلىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ياشلار ئاسانلا ئۇزاق مۇددەت ئالاقە تورىغا بېرىلىپ كېتىپ، مەشغۇلات ۋاقتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا چۈشكۈنلىشىش، تەشۋىشلىنىش ۋە تىت - تىت بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا يېمەك - ئىچمەك، ئۇيقۇ نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەمدە ھازىرقى ئەھۋالنى توغرا قوبۇل قىلىپ، ئۆيدە تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقنىڭ خەۋپىنى چۈشىنىپ، دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. يەنە ئادەتتە قىلىشقا ۋاقتى يەتمىگەن، ئەمما ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مەسىلەن، رەسىم سىزىش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ دىققىتىنى بۇرىسا بولىدۇ؛ تۆتىنچى قەدەمدە تەپەككۇر نۇقتىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئاكتىپ ئېنېرگىيە يىغىپ، مۇشۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، قەلب تۇيغۇلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، پىسخىكىلىق بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.
ئەگەر تىت - تىت بولۇش كەيپىياتى ئېغىرلىشىپ ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىياتنى كونترول قىلالماسلىق كېلىپ چىقسا، بەشىنچى قەدەمدە ئالدى بىلەن ئۆزىگە بېشارەت بېرىش، ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۆزىگە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتسە، يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ كەيپىياتىنى ياخشىلىسا بولىدۇ. ئۆزىنى تەڭشەش مەغلۇپ بولۇپ، پىسخىك بېسىمى ئېشىپ كەتكەندە، ئالتىنچى قەدەمدە كەسپىي خادىملاردىن ۋاقتىدا ياردەم سورىسا بولىدۇ.
«بىزنىڭ تەجرىبىسى مول كەسپىي دوختۇرلار كوللېكتىپىمىز بار، توققۇز پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ روھىي سەھىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىمىز.» شيا يېلىڭ مۇنداق دېدى: ۋىرۇسنىڭ ئۆزى كېسەل، ناچار كەيپىياتمۇ كېسەل، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى خۇشال بولغاندىلا، پىسخىكا كېسەللىكلىرىگە قارىتا «قوغداش تېمى» ھاسىل قىلالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە مەزگىلگە ئاكتىپ يۈزلىنىپ، ساغلام پىسخىك ھالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.