تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقىدار تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىنى قۇرغۇچى تەرەپ ھەم بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشىنى ھەقىقىي نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن. بازار باشقۇرغۇچىلار، تىجارەتچىلەر، بازارغا كىرىپ سودا قىلغۇچىلار، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ كىرىپ چىقىشىنى باشقۇرۇش ۋە ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (مەنپىي بولۇش)نى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئۇچۇرىنى تىزىملاپ، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن ئاندىن بازارغا كىرگۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بازارغا كىرىدىغانلارنىڭ سانىنى ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ كونترول قىلغان. ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لۇق سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ھەر ھەپتىدە بازار باشقۇرغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى بىر قېتىم تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغانلار ئىش ئورنىغا چىققان.

ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى مۇھىت باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، زال ئىچىدىكى توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، ھەر كۈنى تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن ۋە بازارنى تاقىغاندىن كېيىن تىجارەت سورۇنى ۋە سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى ۋە دېزىنفېكسىيەلىدى؛ ئاممىۋى بۇيۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، مال توشۇشتا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، يايما ئورنىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، پىششىقلاش سايمانلىرىنى تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش، توڭلاتقۇ (توڭلىتىش ساندۇقى)نى تازىلاشنى ياخشى ئىشلىدى؛ بازاردىكى سودا سورۇنى، بولۇپمۇ سوغۇق، يېڭى مەھسۇلاتلار سودا سورۇنى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىتى ھەمدە توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلارنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتتى. بازارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلدى، ۋاقتىدا تازىلاپ توشۇدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمپورت يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ گۆش تۈرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق سوغۇق، يېڭى يېمەكلىكلەرگە قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى