تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 17-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 28نى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن سەككىزنى دوكلات قىلدى. شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار تۆت. 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24كىچە، پۈتۈن شەھەردە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 30، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 26. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 586سى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 114ى بار.

شاڭ يۈلەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا تۆت كۈن تۆۋەنلەپ، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا مۇقىملىشىشقا (تەكشىلىشىشكە) يۈزلەنگەن.

«ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ئەمما بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن بەزى ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چۈشىنىشى، قوللىشىدا، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتتى» دېدى شاڭ يۈلەن.

(گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى