تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى بەش تۈرلۈك سودا مۇلازىمەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى

سودىگەرلەر كۆكتات توشۇماقتا.

سودىگەرلەر كۆكتات توشۇماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چى لۇڭ، خې زې): شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جيۇدىڭ بازىرى» دېيىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 22دىن باشلاپ، كۆكتات توشۇيدىغان بارلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بازارغا كىرىش سودا ھەققى، ئاپتوموبىل ئورنى ھەققى قاتارلىق جەمئىي بەش تۈرلۈك ھەقنى كەچۈرۈم قىلدى، ھەر توننا كۆكتاتتىن جەمئىي 70 يۈەن كېمەيتىلىپ كەچۈرۈم قىلىنىپ، يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۆكتات باھاسى مۇقىملاشتۇرۇلدى. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8گىچە، جيۇدىڭ بازىرى سودىگەرلەرگە جەمئىي 145 مىڭ يۈەنلىك پايدىنى ئۆتۈنۈپ بەردى.

سودىگەرلەر كۆكتاتلارنى يۆتكىمەكتە.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 1دە، مۇخبىر جيۇدىڭ بازىرىدا كۆكتات توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى، سودىگەرلەرنىڭ توشۇش، جىڭلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.

سودا مۇلازىمەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، جيۇدىڭ بازىرىدىكى سودىگەر گو ليەنيىڭ شۇ كۈنى ساتقان 60 نەچچە توننا كۆكتاتتىن 4000 يۈەندىن ئارتۇق كېمەيتىلىپ كەچۈرۈم قىلىش خىراجىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

سودىگەرلەر كۆكتات يۆتكىمەكتە.

   «بازار سودىگەرلەرگە ئېتىبار بەردى، بىزمۇ بۇ خىل نەپنى كۆكتات باھاسىدا كۆرسىتىمىز.» گو ليەنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى ئاساسلىق ساتقان ياڭيۇنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسىنى 1.8 يۈەنگە تەڭشىگەن، «ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر كىلوگىرامى 0.5 يۈەن ئەرزان، ئالاھىدە مەزگىلدە، بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆپچىلىكنى ياخشى كۆكتات بىلەن تەمىنلەيمىز.»

   جاڭ چياڭ 2-دەرىجىلىك كۆكتات سودىگىرى، ھەر كۈنى 20 توننىدىن ئارتۇق مال كىرگۈزىدۇ، خىراجەت كېمەيتىلىپ كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ بىر قېتىمدا 1400 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تېجەپ قالالايدۇ، «مال كىرگۈزۈش تەننەرخى تۆۋەنلىسە، كۆكتات تەبىئىيلا ئەرزان سېتىلىدۇ» دېدى ئۇ.

   ھازىر، جيۇدىڭ بازىرىدا سېتىلىۋاتقان كۆكتات تۈرى 100 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 3500 توننا ئەتراپىدا سېتىلىۋاتىدۇ.

(گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى