تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىسخىكا مۇتەخەسسىسى ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك تەكلىپ ئاھالىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشىشى ۋە كەيپىياتىنى تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 17-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق باھالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيا يېلىڭ شەھەر ئ‍‍اھالىلىرىنىڭ ئۆيدە تۇرغان م‍‍ەزگىلىدە پىسخىكىسىنى تەڭشىشى ۋە كەيپىياتىنى تىزگىنلىشى توغرىسىدا ت‍‍ۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئ‍‍الاھىدە مەزگىلگە پائال يۈزلىنىپ، ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«ھازىر، ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇمغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى يىل بېشىدىكىدىن ئاشتى، ئالاقزەدە پىسخىكىسى بىرقەدەر ئازايدى، لېكىن بىردىنلا نورمال تۇرمۇش قانۇنىيىتى ئۆزگىرىپ، تۇرمۇشتىكى «مۇقىملىق تۇيغۇسى ۋە رىتىم تۇيغۇسى» قالايمىقانلاشتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەشۋىشلىنىش، مەيۈسلىنىش، ئەنسىرەش، تىت-تىت بولۇش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە مەزگىلدىكى نورمال ئىنكاسلار بولۇپ، بىز ئۆزىمىزنى تەڭشەش ئارقىلىق پىسخىكا ساغلاملىقىمىز ۋە تەڭپۇڭلۇقىمىزنى ساقلىساق بولىدۇ.» دېدى شيا يېلىڭ.

بىرىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي بىلىش كېرەك. نوپۇزلۇق يوللار ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن تونۇش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئائىلىدىكى كەيپىياتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەش، ئەيىبلىمەسلىك، ئاغرىنماسلىق، ئىشەنمەسلىك، توردىكى كوچا خەۋەرلىرىنى تارقاتماسلىق كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، توپلاشماسلىق قاتارلىقلار.

ئىككىنچىدىن، سەلبىي كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە توغرا قاراش كېرەك. ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى خۇددىي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلغا ئوخشايدۇ، تۇيۇقسىز توختىغاندا، كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇشتىن خالىي بولالمايدۇ، بىز پاسسىپ كەيپىياتنىڭ بەدەنگە، پىسخىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرىنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنى نازارەت قىلىپ قانۇنىيەتلىك تۇرمۇشنى ساقلاپ، ياخشى يېمەك-ئىچمەك، تازىلىق ئادىتىنى ساقلاپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ «ۋاقىتلىق توختاش مەزگىلى»دىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياشانغانلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر قانچە كىتاب ئوقۇش، ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرغان چاغلاردىن بەھرىمەن بولۇش، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشتا ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ناچار كەيپىياتنى پائال تىزگىنلەش كېرەك. ئاھالىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشىسە بولىدۇ؛ ئادەتتە قىلىشقا ۋاقتى يەتمىگەن، ئەمما ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مەسىلەن: رەسىم سىزىش، مۇزىكا ئاڭلاش، يېڭى ماھارەت ئۆگىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق دىققىتىنى بۇراش، ئەڭ مۇھىمى روھىي ھالىتىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھى ھالەت بىلەن يۇقۇمغا، تۇرمۇشقا مۇئامىلە قىلىپ، روھىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەسپىي ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك. ئۆزىدە بىر قەدەر ئېغىر كېسەل ئالامىتى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ۋاقتىدا ياردەم سوراش كېرەك. ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ، پىسخىكا جەھەتتىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ پىسخىكىلىق ساغلاملىق كەسپىي خادىملىرىدىن پىسخىكىلىق ياردەم سورىسىمۇ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت قىزىق لىنىيەسى ياكى تور ئارقىلىق پىسخىكىلىق مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدۇ.

شيا يېلىڭ مۇنداق دېدى: ۋىرۇس كېسەل، ناچار كەيپىياتمۇ كېسەل، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى خۇشال، روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، پىسخىك كېسەلگە قارىتا «قوغداش تېمى» قۇرغان بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە مەزگىلگە ئاكتىپ يۈزلىنىپ، ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى