تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كېسەللەر رايونىدىكى ئىللىق كۆرۈنۈش: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى سېسترالاردىن سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئۆگەندى

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يەن ئاغرىققا نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى ئۆگەتمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، شيې لوڭ خەۋىرى، فوتوسى): يەڭگىل مۇزىكىغا ئەگىشىپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن سېسترالار ئاغرىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكىنى ئىشلىدى. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى، پۈتۈن پەدەن ئىقتىدارىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاغرىقلارنى كۈندىلىك داۋالاش بىلەن بىرگە، كۆپ خىل «ئۆپكە ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى داۋالاش ئۇسۇلى»نى قانات يايدۇرغان.

دەسلەپكى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەپەسلىنىش گىمناستىكىسىدىن بۈگۈنكى سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكىغىچە، يەنە ئارقىدىن مەشىق قىلماقچى بولغان تەيجى گۇمپىسىغىچە، ھەر كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 5-قەۋەت 3-كېسەللەر رايونىنىڭ كەيپىياتى ئازادە ئىدى. كېسەلخانا رايونىدىكى سېسترالار باشلىقى گو تىڭتىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاغرىقلار داۋالاشنى تۈگىتىپ، چۈشتە تولۇق دەم ئالغاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن روھى ھالىتى تولۇپ تاشقاندا، بىرلىكتە نەپەسلىنىش گىمناستىكىسىنى قىلىدىكەن، بۇنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسى بار ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ 5-قەۋەت 3-كېسەللەر رايونىدا قوبۇل قىلىپ داۋالىنىۋاتقانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. ۋۇخەننىڭ ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، دوختۇرخانا تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىلەن بىرگە، 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئۆگىتىدىغان پەرۋىش خادىملىرىنى كېسەللەر رايونىغا تاللاپ كىرگۈزۈپ، ئاغرىقلارنىڭ كۈندىلىك مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئاغرىقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاشنىڭ بەدەنگە پايدىسى بولغاندىن باشقا، يەنە دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۇلار خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، سېسترالار ئاغرىققا جىڭلو پەللىسىنى يىنىك ئۇرۇش گىمناستىكىسى ئۆگەتمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 5-قەۋەت 3-كېسەللەر رايونىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى شۇ جەنجۈن مۇنداق دېدى: «سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا مەشىقى قىلغاندا، نېرۋىنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، ئاغرىقلارنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان ئاغرىقلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ ۋۇخەن، بېيجىڭنىڭ كىلىنىكىلىق ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلاندى.»

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ پەرۋىش كوللېكتىپىدا، نەپەسلىنىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش خادىمى، جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىسى تايانچلىرى ۋە يۈرەك قان تومۇر، ياشانغانلار ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر جەھەتتىكى مەخسۇس بۆلۈم سېسترالىرى قاتارلىق پەرۋىش تايانچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كېيىنكى باسقۇچتا، دوختۇرخانا يەنە ھەرقايسى مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى، تەيجى گۇمپىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان پەرۋىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ قوشۇمچە ياردىمىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى