تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تۆت چوڭ تىجارەت سودىگىرى ئۈرۈمچىنىڭ تور، تېلېفون، سىملىق تېلېۋىزىيە راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): يۇقۇم مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيدە بېكىنىپ، نۇرغۇن خىزمەت ۋە جەمئىيەت ئالاقىسىنى تور، تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ باردى. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 17-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى تىجارەت سودىگەرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تور ئالاقىسىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى».

   شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تېلېگرافى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى يۇقۇم مەزگىلىدە 172 نەپەر خېرىدارلار مۇلازىمەت ئىنژېنېرى، 72 نەپەر قۇرۇلۇش خادىمى، 45 جىددىي رېمونت قىلىش ئاپتوموبىلىنى تەشكىللەپ، خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى؛ ھۆكۈمەت، كارخانا ئابونىچىلار ئېلېكتىر يولىدىن 28نى جىددىي ئېچىپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 200Gلىق ئالاقە تورى بەلبېغىنى كېڭەيتىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە تېلېگراف خېرىدارلىرىنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور، يان تېلېفون ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى».

    جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى نەق مەيدان خەۋەرلىشىش كاپالىتى خادىمىدىن 299نى، ئاپتوموبىلدىن 60نى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. بۇ جەرياندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەۋەرلىشىش مەخسۇس لىنىيەسىدىن 178گە كاپالەتلىك قىلدى، 1199 ئاساسىي پونكىتنى جىددىي رېمونت قىلدى، 50 كىلومېتىر ئوپتىكىلىق كابېلنى جىددىي رېمونت قىلدى؛ كۆچمە كەڭ بەلباغ ئابونىچىلىرىنىڭ ئائىلىدە تۇرۇپ يىراقتىن ئىش بېجىرىشى ۋە كۈندىلىك تور ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، CMNET شەھەر تورىنىڭ جەمئىي 210Gلىق يۈرۈش زەنجىرىنى كېڭەيتتى؛ كۆچمە يان تېلېفون خېرىدارلىرىنىڭ تورغا چىقىش ئېھتىياجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تەھلىل قىلىپ، جەمئىي 905 ئولتۇراق رايوننىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، 414 ئولتۇراق رايوننىڭ يۈكىنى تەكشى تەڭشەپ، 669 ئولتۇراق رايوندىكى يۇقىرى يۈكنى بىرتەرەپ قىلدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قاتارلىق رايونلاردا نەق مەيدان تور كاپالىتىنى يولغا قويدى.

    جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى 56 ئادەم، 17 ئاپتوموبىلنى تور كاپالىتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، مۇھىم ئورۇنلاردا نەق مەيداندا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى جەمئىي 578 ئادەم قېتىم ئالاقە كاپالىتى خادىمى ئاجرىتىپ، 289 ئاپتوموبىل قېتىمغا كاپالەتلىك قىلدى، 102 قېتىم كاشىلا رېمونت قىلدى، ئاساسىي پونكىتتا 202 پونكىت قېتىم چارلاپ تەكشۈردى، 16 بېكەت قېتىم توك چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى، 26 يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى، 73 مۇھىم خېرىدارنىڭ 73 كاشىلىسىنى بىر تەرەپ قىلدى، 413 ئائىلىنىڭ كەڭ بەلباغ كاشىلىسىنى بىر تەرەپ قىلدى، 869 خېرىدارنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلدى.

    شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى پاي چەكلىك شىركىتى 100گە يېقىن نۆۋەتچى خادىمنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئىش ئورنىغا بېرىپ خىزمەتكە كىرىشىشكە تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە كەڭ بەلباغلىق تور باش ئۇچىنىڭ بىخەتەر تارقىتىشى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدا بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە كەڭ بەلباغلىق تورنى جىددىي رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىدى، ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت مەركىزى(چاقىرىش مەركىزى)گە نورمال تېلېفون ئۇلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى