تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تاڭشەنلىك ئاكا ئۈرۈمچىدە پىدائىي بولدى

      جاۋ شىفۇ بەييۈنچاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ گۇاڭپىڭ خەۋىرى، فوتوسى): خېبېي تاڭشەندىن ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكىغا كەلگەن جاۋ شىفۇ يۇقۇم مەزگىلىدە، بىرىنچى ۋاقىتتا مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ پىدائىيلىققا تىزىملاتتى.

    8-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتە، مۇخبىرلار جاۋ شىفۇ بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ ئەمدىلا ئارام ئېلىپ چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. «مېنىڭ خىزمىتىم بەييۈنچاڭ ئولتۇراق رايونى 2-بىنادىكى ئاھالىلەرگە كۆكتات سېتىۋېلىش، يەنە بەييۈنچاڭ ئولتۇراق رايونى ۋە بەييۈن شاڭدۇ ئولتۇراق رايونىدىكى بىر نەچچە ئاغرىققا دورا ئېلىپ بېرىش، ھازىرغىچە ئالتە ياشانغان كىشىنىڭ دورا سېتىۋېلىش ئىشىنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئاساسلىقى دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا دورا سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بېرىمەن».

  بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ئاغرىق نەچچە كۈندە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك نەيچىسى ئالماشتۇرىدىكەن، جاۋ شىفۇ چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ، ئاغرىقنى بىڭتۇەن دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ سۈيدۈك نەيچىسىنى ئالماشتۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىكەن.

  مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۇەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ياشلار يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىن ئىگىلىشىچە، جاۋ شىفۇ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىققان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ياشلار يولىدىكى جيۇجوۋ مېھمانسارىيىغا چۈشكەن، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىگە پىدائىي بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىپ پىدائىي بولغاندىن بۇيان، ئۇ ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات، مېۋە-چېۋە، دورا قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى «تاڭشەنلىك ئاكا» دەپ چاقىرىشىدىكەن.

  «ئۇ بىر قىزغىن ئادەم، 52 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، خۇددى ياش يىگىتلەردەك ماڭىدۇ. 10 نەچچە كۈندىن بۇيان، < تاڭشەنلىك ئاكا> ھەركۈنى كۆكتات دۇكىنى، دورا دۇكىنى ئارىسىدا چېپىپ يۈردى، سىرتتىن ۋاقىتلىق ئۈرۈمچىگە كەلگەن بىرەيلەننىڭ بىز ئاھالىلەر ئۈچۈن بۇنداق مۇلازىمەت قىلغىنىدىن ناھايىتى تەسىرلەندۇق» دېدى بەييۈنچاڭ ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى ۋاڭ ھەدە. مەھەللىدىكى ئاھالىلەر نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە جاۋ شىفۇ ئالدى-كەينى چېپىپ يۈرۈپ، ياشانغانلار ۋە ئاغرىقلارنى يۆلەپ بىنادىن ئېلىپ چۈشتى، جوزا-ئورۇندۇقلارنى يۆتكىدى، يەنە نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلىدى، ناھايىتى جاپالىق ئىشلىدى.

  جاۋ شىفۇ پىدائىي بولغاندىن بۇيان ھەركۈنى 9~8 سائەت خىزمەت قىلدى، ئەڭ ئالدىراش كۈنلەردە سەھەر سائەت 1:00گىچە خىزمەت قىلدى، گەرچە ھەركۈنى ھېرىپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئۇ: «پىدائىيلارنىڭ خىزمىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن مەن بەرداشلىق بېرەلەيمەن، مەن ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشۇشنى ئويلايمەن» دەيتتى.

  «ئەينى يىلى تاڭشەندە يەر تەۋرىگەندە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق بىزدىن ئەنسىردى، بىزگە كۆڭۈل بۆلدى، نۇرغۇن كىشى تاڭشەنگە بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. ھازىر ئۈرۈمچىدە يۇقۇم كۆرۈلدى، مەنمۇ بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇپ، ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشنى ئويلايمەن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جاۋ شىفۇ.

  زىيارەت جەريانىدا، مۇخبىرلار يەنە جاۋ شىفۇنىڭ تاڭشەن شىنلىڭ جيايۇەن ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى ئىكەنلىكىنى، تاڭشەن شەھىرىدە ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقىلى ئۈچ-تۆت يىل بولغانلىقىنى ئىگىلىدى. «ئائىلەمدىكىلەر، ئوغلۇممۇ مېنىڭ خىزمىتىمنى بەك قوللايدۇ» دېدى جاۋ شىفۇ.

  ھازىر جاۋ شىفۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشلىرىنىڭ يېرىمى بېجىرىلىپ بولدى، ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇ تاكى ئىشىنى بېجىرىپ بولغۇچە تۇرىدۇ. ئۇنىڭغىچە ئۇ داۋاملىق ياشلار يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدە پىدائىي بولىدۇ. «مەن كۆپچىلىك بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمەن، بىز چوقۇم يېڭىمىز!»

جاۋ شىفۇ چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ، بوۋاينىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىپ دورا ئالغىلى ماڭماقتا.
جاۋ شىفۇ باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ھارۋىنى ئىتتىرىپ، بەييۈنچاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.
جاۋشفۇ بەييۈنچاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى