تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇندايلى

− ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، بەلگىلەنگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە قوزغىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ھالىتى كۆرۈلدى. بۇ يىل 2 - پەسىلدە ئىقتىساد %3.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىپ، قايتىدىن نورمال ئىزغا چۈشۈپ، مۆلچەردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى؛ 2 - پەسىلدە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەردە مارگىنال ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى زور ھەجىمدە تارايدى؛ 7 - ئايدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋالغۇچى دىرېكتور كۆرسەتكۈچى %51.1 بولۇپ، ئۇدا بەش ئاي كىرىتىك نۇقتىدىن يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئاقىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار. ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق بىرقەدەر چوڭ، بىز دۇچ كەلگەن ناھايىتى نۇرغۇن مەسىلە ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش نۇقتىسىدىن يەنىمۇ تونۇشىمىز كېرەك. شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولغاچقا، قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىمىز ۋە مول ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمىز بولغاچقا، يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ زور سانائەت سىستېمىمىز، قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز، مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سانى غايەت زور ئىختىساسلىقلار قوشۇنىمىز بولغاچقا، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇستىن شەكىللەنگەن ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرىمىز ھەم غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىمىز، يوشۇرۇن كۈچىمىز ۋە ئايلىنىپ ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتىمىز بولغاچقا، بىز ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى تامامەن مۇستەھكەملەپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.

ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداشتا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىمىز، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىشىمىز، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى دەۋرىيلىك ھالقىپ لايىھەلەش ۋە تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچى ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ، كۆپ نۇقتا، كۆپ تەرەپتىن ئويلىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل. ئىلگىرىلەش يولىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك، بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك ئىرادىمىز، قەتئىي غەيرىتىمىز، مۇستەھكەم دۆلەت كۈچىمىز بار، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، سىناقلارنى يېڭىشتە يېتەرلىك ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىز بار، ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخ قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

(8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى