تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تۈردە «تۆت بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

قەتئىي تۈردە «تۆت بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت - تېببىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ زۇڭجيۇ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈ جىڭجىن ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەتتە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ «قاراۋۇللۇق» رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئالدىن تەكشۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇچۇر مەلۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە پىكىر - تەكلىپ بەردى.

يۈ شۆجۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت بالدۇر»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارىسىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى يوچۇقلارنى قايتا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىلىرىنى قايتا مۇستەھكەملەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر ۋە كەلگۈسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كۈز، قىش پەسلىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تېز، كەسكىن، دەل جايىدا، كۈچلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى شۇ يەرگىچە چىڭىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ تەدبىر قوللىنىش، پەرقلىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، كەسپىي تەربىيەلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سەپسەتىلەرنى تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. «قاراۋۇللۇق»نى ياخشى قىلىپ، دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن ھامان بىرىنچى ۋاقىتتا بىلىش، بىرىنچى ۋاقىتتا يوللاش، بىرىنچى ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى