تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلايمىز

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك» «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك»... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەردە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يىغىننىڭ روھى ۋە يىغىننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى پۇختا تۇتىمىز، ئىنچىكە تۇتىمىز

«ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتنى مۇقىملاشتۇرىدىغان <تۇراقلاشتۇرغۇچ>، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تېخىمۇ پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنۇلارنى دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاشلىق ۋە گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئۇل تىرەك مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ۋە تولۇق قىممەت زەنجىرى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە قىممەتنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاۋ شياڭلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەركەزنىڭ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز؛ ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز؛ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تۈرلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن يۈشىن مۇنۇلارنى دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ. سۇ، ئاتموسفېرا، تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاسراش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. نۇقتىلىق رايون ۋە ئېقىن رايونى، نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپ تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرما ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۆلەم كونترول قىلىنىپ، قۇرۇلما تەڭشىلىپ، تۈرلەرگە مۇھىت ئىجازىتى ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز

«يىغىندا <يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيې يۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 15 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %11.12 كۆپىيىدۇ، نەرسە تورى سۇپىسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قاتارلىق 363 يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر تورى سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سىجىل ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىرتقى كۈچنى توپلاپ، ئىچكى گۇمپىنى مەشىق قىلىپ، يوشۇرۇن كۈچ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈلۈپ، راۋاجلاندۇرۇلۇپ، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈلىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇنۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى تېزلىتىلىدۇ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانا ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېي جۇڭچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پۇختا تۇتۇلۇپ، كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى يولغا قويۇش مۇھىم تۇتقا قىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، مۇقىملىق ۋە ئىسلاھات پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تۆھپىسى قوشۇلىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مەردان مۇقىيت مۇنۇلارنى دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قىسمەن جايلاردىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى سىجىل ياخشى ئىشلىشى ماسلاشتۇرۇلۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاپەت خەۋپ - خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ باج ئىدارىسى يۈك ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت بېجى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى شى شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە باجنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى مۇلازىمەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىلەندۈرۈش، بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى تېز بەھرىلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىپ، سېلىنما، ئىستېمال، تاشقى سودىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، باج يىغىش تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىمىز.

شىنجاڭ قومۇل سەنتاڭخۇ ئېنېرگىيە ئېچىش قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دىڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېنېرگىيە كۈچى قوشىمىز.

(مۇخبىر ۋاڭ يۈجاۋ، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، ۋاڭ يۇڭفېي، لى شىڭ، چېن چياڭۋېي، ما يىنىڭ، شى شىن، ياڭ شۇخەن، مېھرىگۈل ناسىر)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى