كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئالتە يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالاش ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەتتە ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئالتە يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ئالتىسى ئادەتتىكى تىپلىق، بىرى يېنىك تىپلىق. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە دوختۇر - سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، يۇقىرىقى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.