تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىدە خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بەزى ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈش، ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان كۇرسانتلاردىن ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇش كەسىپلىرى تەسىرگە ئۇچرىدى. 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن شىڭجۈن مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، يىللىق تەكشۈرۈش ۋاقتى توشقان بارلىق ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈش كەسپى يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېجىرىشكە كېچىكتۈرۈلدى.

سۈن شىڭجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىدە كېچىكتۈرۈپ بېجىرىش، ماتېرىيال كەم بولسىمۇ بېجىرىش، توردا بېجىرىش قاتارلىق كۆپ خىل خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

كېچىكتۈرۈپ بېجىرىش تۆت خىل كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان كۇرسانتلاردىن ئىمتىھان ئېلىشنى كېچىكتۈرۈش، ئىلتىماس قىلىپ ئالدىن كېلىشىپ بولغانلارغا قارىتا ئىمتىھاننى بىرتۇتاش ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىمتىھاننى ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىمتىھان قېتىم سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، كېلەر قېتىملىق ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش تەرتىپىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ؛ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ كىنىشكا ئالماشتۇرماسلىق، سالامەتلىك تەكشۈرتمەسلىك، تەكشۈرتمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەيدەش كىنىشكىسى ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولسا، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش مۇددىتى بىرتۇتاش ئۇزارتىلىدۇ؛ ئالاقە تورىدا ئالدىن تاللانغان نومۇر تاختىسىنىڭ ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش، ئالاقە تورىدا نومۇر تاختىسى نومۇرىنى ئالدىن تاللىغان، لېكىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسا، ئالدىن تاللانغان نومۇرنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۇزارتىلىدۇ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ؛ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى كۇرسانتلىرىنىڭ ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى كۇرسانتلىرىنىڭ ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان بولسا، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىرتۇتاش ئۇزارتىلىدۇ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئۆگىنىشنى تاللىسا بولىدۇ.

ماتېرىيال كەم بولسىمۇ بېجىرىش. ھەيدىگۈچىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ۋاقتىنچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ئالدى بىلەن توردا ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشنى بېجىرىشكە بولىدۇ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىسپاتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.

توردا بېجىرىش. «قاتناش باشقۇرۇش 12123» يان تېلېفون APPسىغا چىقىش ئارقىلىق، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئالماشتۇرۇش، يىتىپ كەتكەندە تولۇقلاپ بېجىرىش قاتارلىق 25 تۈرلۈك كەسىپنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا تىزىملاپ نومۇر تاختىسى چىقىرىش، ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق «جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۆزنىكى»نى مەخسۇس تەسىس قىلىپ، مەخسۇس «يېشىل يول» ئاچتى. قۇتقۇزۇش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپتوموبىللىرى ۋە دوختۇر - سېسترالارنى، دورا، سايمان، مۇداپىئەلىنىش بۇيۇمى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ھەمدە كۆكتات، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا، كەسىپنى جىددىي بېجىرىش، ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش، قولايلىق بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قولاي يول يۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى