تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ %90ى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدىمۇ - يوق؟ 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شىنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1100دىن ئارتۇق بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىسى بار، يۇقۇم مەزگىلىدە، بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ %90ى تىجارەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ھەرقايسى بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دورا ۋە كۈندىلىك مۇداپىئە بۇيۇملىرى تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. سۇغۇرتىغا قاتناشقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا 68 بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىسى ئاساسىدا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا يەنە 22 بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىسى كۆپەيتىلىپ، 90گە يەتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىجارەت قىلىۋاتقان دورىخانىلار مەھەللىلەر بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، دورا سېتىۋېلىشنى تىزىملاش ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتى. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلىنغانلار 110 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلىنغانلار 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى.

خې شىنگو مۇنداق دېدى: يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرى، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلارغا، ئۆسمە قاتارلىق جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ھەمدە قان دىيالىزى قاتارلىق چوڭ كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئاغرىقلارغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى خىراجەت كاپالىتى، بېجىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە، يۇقۇم مەزگىلىدىكى داۋالىنىش كاپالىتى تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەڭشەپ، ھەرقايسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇشى - داۋالىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسىنى خامچوت بويىچە باشقۇرۇش سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. مەسىلەن، تۇيۇقسىز قوزغالغان جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرى كېسەل كۆرسەتكەندە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئېلىپ يۈرمىسىمۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېسەل كۆرسەتسە بولىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى كۆرسەتمەيمۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى راسچوت قىلىشنى قولايلىق، تېز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرىنى تىيانشان تورى، خۇڭسەن تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل