تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۇلانبايدىكى كۆكتاتچى دېھقان 600دىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىككى توننىغا يېقىن كۆكتات سوۋغا قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ئۇلانباي كوچا باشقارمىسى پاراۋانلىق يولى مەھەللىسىدىكى نۇرگۈل مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئەكىلىپ بەرگەن بىر خالتا كۆكتاتنى تاپشۇرۇۋالدى، كۆكتات خالتىسىنىڭ ئىچىگە بوسەي، جۇسەي، ماۋبەسەي، چىڭسەي... قاتارلىقلار قاچىلانغان بولۇپ، ناھايىتى يېڭى ئىدى، تېخى بەزىلىرىنىڭ يىلتىزىدىكى توپىمۇ چۈشۈپ كەتمىگەنىدى...

ليۇ يۈلۇڭ قوشنىلارغا سوۋغا قىلىدىغان كۆكتاتلارنى باغلىماقتا.
مەھەللە خىزمەتچىسى ليۇ يۇڭخۇڭ(سولدا) ئاھالە نۇرگۈلگە مېھىر-شەپقەت كۆكتىتىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

  نۇرگۈل ليۇ يۈلۇڭنىڭ ئۆزىگە كۆكتات سوۋغا قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن: «ئۆيگە كۆكتات ئالاي دەپ تۇراتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەچچە كۈندە ھېيت ئۆتكۈزىمىز، بۇ ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغا بولدى» دېدى.

  مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ليۇ يۈلۇڭ ئىئانە قىلغان ئىككى توننىغا يېقىن كۆكتاتنى ئايرىپ قاچىلاپ، نۇرگۈلدىن باشقا يەنە مەھەللىدىكى 600دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

  ليۇ يۈلۇڭ كۆكتاتچى دېھقان بولۇپ، تاغىسى ۋە نەۋرە ئىنىسى بىلەن 100 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆكتات تېرىغان. «مەن پەقەت ئازراق ئىش قىلدىم، ئادەتتە قوشنىلار ئارا مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ئىناق، بىرەر ئىش بولسا ئۆزئارا ياردەملىشىمىز. ئالاھىدە مەزگىلدە، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. ھەركۈنى مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىككە ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بېرىش ئويى پەيدا بولدى، شۇڭا، قوشنىلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېتىزغا بېرىپ كۆكتات يىغىپ كېلىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە سوۋغا قىلىشنى ئويلىدىم» دېدى ليۇ يۈلۇڭ.

مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ليۇ يۈلۇڭنىڭ ئېتىزلىقىدا كۆكتات باغلىماقتا .

  7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ليۇ يۈلۇڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئىشچىلار يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆكتات يىغدى ھەمدە مەھەللىگە ئۇقتۇرۇش قىلدى. «ئۇنىڭ بۇ كۆڭۈل سوۋغىسى بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى» دېدى پاراۋانلىق يولى مەھەللىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ رۇڭ، ئارقىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار قاتارلىق 30 نەچچە ئادەم تەشكىللىنىپ، ليۇ يۈلۇڭنىڭ كۆكتاتلىقىغا بېرىپ ياردەملەشتى، ئۇلار ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۆكتاتلارنى باغلاپ، ئايرىپ قاچىلاپ مەھەللىگە يۆتكەپ كەلدى. ئاندىن خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار دەممۇ ئالماستىن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، كەچ سائەت 10:00دىن ئاشقاندا ئاندىن كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىپ بولدى.

  ليۇ يۈلۇڭنى تەسىرلەندۈرگىنى، ئۇ تەكلىپ قىلغان تۆت ئىشچى بۇ كۆكتاتلارنىڭ ئاھالىلەرگە سوۋغا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىش ھەققىنى قەتئىي ئالماي تۇرۇۋالغان، «ئادەتتە ئىشچىلار مۇشۇ ئىشىغا 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى» دېدى ليۇ يۈلۇڭ. ليۇ يۈلۇڭ ئەگەر بۇ كۆكتاتلارنى بازاردا ساتقان بولسا خېلى كۆپ پۇل بولاتتى، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۇ بۇنى ھېچگەپ ئەمەس دەپ ئويلىدى.

  «يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاھالىلەر يەنە ئېھتىياجلىق بولسا، مەن ئىزچىل يەتكۈزۈپ بېرىمەن» دېدى ليۇ يۈلۇڭ.

                                          (سۈرەتنى پاراۋانلىق يولى مەھەللىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ