تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئالتە نەپەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېببىي كۆزىتىشى بىكار قىلىندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈەن لېي): گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ باھالاش ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتتە نەپەر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئالتە نەپەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېببىي كۆزىتىشى بىكار قىلىندى. 

    ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى ئىچىدە ئادەتتىكى تىپتىكىدىن ئالتىسى، يېنىك تىپتىكىدىن بىرى بار، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، يۇقارقى ئاغرىق مىساللىرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە دوختۇر-سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىلىرى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7-نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى