تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يېمەكلىك ئارقىلىق تارقىلامدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يېمەكلىك ئارقىلىق تارقىلامدۇ؟» 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 15-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ ئاھالىلەر بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەردى.

    «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋىرۇسنىڭ نەپەس يولى ۋە تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئايدىڭلاشتۇرغان. ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق تارقالغانلىقىنى بايقىغانلىق توغرىسىدا خەۋەر يوق» دېدى رۈي باۋلىڭ.

    رۈي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىش يولى مۇنداق ئىككى خىل بولۇشى مۇمكىن: تەركىبىدە ۋىرۇس بولغان يېمەكلىك ئوراپ قاچىلاش ماتېرىيالى بۇلغانغان ۋە ۋىرۇسنى بىللە ئېلىپ يۈرگەن يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلىگۈچىنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىغان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يېمەكلىك ياكى يېمەكلىك ئوراپ قاچىلاش ماتېرىيالىنى بۇلغىغاندىن كېيىن، نورمال تېمپېراتۇرىدا ھايات تۇرۇش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا، لېكىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ھايات قېلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ئوراپ قاچىلاش ماتېرىيالىنىڭ ۋىرۇس ۋاسىتىسى سۈپىتىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ھەمدە ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ» دېدى رۈي باۋلىڭ.

    رۈي باۋلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۆيدىكى ئەمبەلنى خام ۋە پىششىق بويىچە ئايرىپ ئىشلىتىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ خام گۆش، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە پاكىز سۇ ۋە سايمانلارنى ئىشلىتىش، جۈمەكتىن سۇ چۈشۈرۈپ يۇيماسلىق، مەخسۇس تازىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان داسقا سېلىپ، ئاندىن سۇغا چىلاپ يۇيۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا باكتېرىيەلەرنىڭ گىرەلەشمە بۇلغىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ خام گۆش، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، سوپۇن ۋە ئېقىن سۇدا قولنى ئاز دېگەندە 20 سېكۇنت يۇيۇش، باشقا يېمەكلىكلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىق، ئېغىز، كۆز، بۇرۇن قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۇۋۇلىماسلىق، گۆش تەركىبىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، پارازىت قۇرت قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارغا ئەگىشىپ باشقا يېمەكلىكلەرگە يۆتكىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئائىلىدىكى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان تازىلاش بۇيۇملىرى ئادەتتىكى ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ۋىرۇسلارنى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ؛ ۋىرۇستىن بۇلغاندى دەپ گۇمان قىلىنغان ئاشخانا سايمانلىرىغا قارىتا، 500 مىللىگىرام/لېتىرلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ياكى %75لىك ئەتراپىدىكى ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش؛ ئىسسىققا چىداملىق، ھەجىمى كىچىكرەك ئاشخانا سايمانلىرىغا قارىتا، دۈملەپ قىزىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى