تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

      تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 30، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 29 ئاغرىق مىسالى، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر ئاغرىق مىسالى(ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم بىلەن چېتىشلىق ئاغرىق مىسالى) بار؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى توققۇز، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار ئالتە بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەرگىنى تۆت. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن بىرى تەكشۈرۈپ كېمەيتىلدى. 

    8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 569ى(خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى بەش، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 21) بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 565، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىككى(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن بىر ئاغرىق مىسالى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم بىلەن چېتىشلىق بىر ئاغرىق مىسالى)، سانجى ئوبلاستىدا بىر(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)، بىڭتۇەندە بىر؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 112سى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 110، سانجى ئوبلاستىدا بىر(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)، بىڭتۇەندە بىر؛ 14 مىڭ 640 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

    7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0دىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 23، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 22 بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى