تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىنچىكە مۇلازىمەت خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

7- ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى جۇڭتەي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاپپار لىتىپ(ئوتتۇرىدا) بىر ئائىلە كىشىلىرى مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7- ئاينىڭ 31 - كۈنى قۇربان ھېيت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ بايراملىق تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «بۇلۇت تېرمىنالى»دا بىر - بىرىدىن بايراملىق ئەھۋال سورىدى. ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە تۇغقانلاشقان كادىرلار بەس - بەستە ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

مەھەللە مۇلازىمىتى

ھەقىقەتەن ئىنچىكە بولدى

«بىز ياشىنىپ قالغاچقا، ساڭزا سالالمىغانىدۇق، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ دەل ۋاقتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت.» 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىبېيلۇ جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ئاھالە مەمتىمىن ئالىم ۋىيشىن توپىدا مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنى ديەنزەن قىلدى.

73 ياشقا كىرگەن مەمتىمىن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇلارغا دەل ۋاقتىدا دورا سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ساڭزا، ماخۇا، نان قاتارلىق بايراملىق مەززىلىك تائاملارنى زاكاز قىلىپ بەردى.

تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ قۇربان ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ ۋىيشىن توپىدا ئۇلاپ يازغان مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەۋەلىكتىكى كۆكتات دۇكىنى، تاللا بازىرى، قوي - كالا گۆشى دۇكىنى، دورا دۇكىنى قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئاھالىلەرگە گۆش، قەنت - گېزەك، پېچىنە - پىرەنىك، چاي قاتارلىق بايراملىق لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى.

«تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا جاپا تارتساقمۇ، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەرقانچە چارچىساقمۇ كۆڭلىمىز خاتىرجەملىككە تولىدۇ» دېدى شىبېيلۇ جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن يىدەن.

بايرام مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىق، بىرمۇ ئادەم چۈشۈپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇلۇت»تا بەخت تىلەش

ھەقىقەتەن قەلبلەرنى ئىللىتتى

«بالام، جاپا چەكتىڭىز! بىز ئۆيدە ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، مەھەللە پىدائىيلىرى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشىك ئالدىمىزغىچە يەتكۈزۈپ بەردى، بۇ قۇربان ھېيتنى بىز ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزدۇق!» 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈستەلگە ئالتۇن رەڭلىك ساڭزا تىزىلغانىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسى يىڭۋۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سابىرا ماقسۇ ئوغلى قۇرمانغازى قايشا بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى.

قۇرمانغازى داۋانچىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىي بولۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«خاتىرجەم بولۇڭ، ئاپا، خىزمىتىم گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك!» دېدى قۇرمانغازى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى.

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ كادىرى جاڭ يۈجېن يىراق خوتەندىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى مەتياسىن ئىمىردىن كەلگەن سىن تېلېفوننى ئالدى.

«مەتياسىن ئاكا، ھەممىڭلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» دېدى جاڭ يۈجېن.

«رەھمەت، بىز ھەممىمىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، تېخى سىز ئەۋەتكەن يېڭى كىيىملەرنى كىيىۋالدۇق!» مەتياسىن تېلېكامېرانى بۇراپ، جاڭ يۈجېنغا ئۇچىسىدىكى ئاق كۆڭلەكنى، ھەمدە خوتۇنى ۋە نەۋرە قىزىنىڭ ئۇچىسىدىكى ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى كۆرسەتتى. «تېرىغان كۆكتاتلىرىمىز بۇ يىل ياخشى باھادا سېتىلدى، ياڭاقلارمۇ ياخشى ئۆستى. ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم يېقىن ئەتراپتىكى كارخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۈمىدكە تولدى! سىز كېلەر قېتىم كەلگەندە، ھەدىڭىز سىزگە ساڭزا سېلىپ بەرسۇن!» دېدى مەتياسىن پەخىرلەنگەن ھالدا.

بايراملىق ھال سوراش

ھەقىقەتەن كۆڭۈللەرگە ياقتى

«روزىدەم، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىمالىي شەھەر كوچا باشقارمىسى نۇرلۇق يولى مەھەللىسىدە، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شې لىشيا يان تېلېفوندا سىن ئارقىلىق روزىدەم راخمان ئائىلىسىدىكىلەردىن بايراملىق ھال سورىدى.

2013 - يىلى، روزىدەمنىڭ ئوغلى روزىدىلنىڭ بېشى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغان ھەم كېسەل ئاسارىتى قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى نۇرلۇق يولى مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەر دائىم غېمىنى يەيدىغان كىشىلەرگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردا، روزىدىلنىڭ سالامەتلىكى خېلىلا ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، دائىم ئۆيىگە كېلىپ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ تۇرىدىغان شې لىشيا بىلەن تېخىمۇ سىرداش بولۇپ كەتتى.

مەھەللە خىزمەتچىلىرى يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە ساڭزا، قەنت - گېزەك قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئالدىن تەييارلاپ، روزىدەمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

«بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ بىز خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئازراق كۆڭلى!» 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدىن كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئىشلەمچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ ۋېيبىڭ ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، كەنت ئاھالىسى مەمەتجان روزىنىڭ ئۆيىگە بالدۇرلا كەلگەنىدى.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بايرامنى خۇشال، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئون ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

مەمەتجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى بىزگە چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى قولغا كەلتۈرىمەن!»

(مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار لى چۇنشيا، يۈ شى، جاۋ يۆ، خەن چىنيەن، پەرىزات ئابدۇل، رايىدە)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى