تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى ئەڭ ياخشى بايراملىق سوۋغات»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، قۇربان ھېيت، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، گۈلباھار ئابلەخمەت (ئوڭدا) خىزمەتدىشى بىلەن ئارام ۋاقتىدا ساڭزا يېمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قۇربان ھېيت، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېسترالار يەنىلا ئالدىراش بولۇپ، ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ھالىدىن ئەستايىدىل خەۋەر ئالدى. دوختۇرخانا كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن بايراملىق سالىمىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

بۇ ئىككى كۈندە، دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئاغرىقلار رايونىغا، دوختۇر - سېسترالار تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بېرىپ، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان دوختۇر - سېسترالارغا بايراملىق سالام يوللىدى ھەم بايراملىق ئۆزگىچە تائاملارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئىلھاملاندۇردى.

«گەرچە بۇ بايرام ئالاھىدە بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ۋە دوختۇرخانىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قوللىشى بولغاچقا، بايرام ئوخشاشلا ياخشى ئۆتتى.» سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دوختۇر گۈلباھار ئابلەخمەت ئاغرىقلار رايونىدىن چىقىپ، چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەييارلاندى. گۈلباھار 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنىلا دوختۇرخانىغا كېلىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە كىرىشكەن. ئۇ ئىشلەۋاتقان ئاغرىقلار رايونىدا 15 دوختۇر نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدۇ، ھەر كۈنى كېسەلخانىنى تەكشۈرىدۇ، دىياگنوز قويىدۇ، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، دوختۇر كۆرسەتمىسى چۈشۈرىدۇ... خىزمىتى جىددىي ھەم تەرتىپلىك.

«بۈگۈن ئەتىگەندە كېسەلخانىغا كىرسەم، ئاغرىقلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلار بىر - بىرىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشتۇق.» ئۇ ئىشلەۋاتقان ئاغرىقلار رايونىدا سەككىز ئادەم دوختۇرخانىدىن چىقتى، گۈلباھار مۇنداق دېدى: «ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى ئەڭ ياخشى بايراملىق سوۋغات».

بۇ، ئاغرىقلار رايونىدىكى سېسترا ئالتۇنخان ئۆمەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە قاتنىشىشى ئىدى. ئۇ ئەتىگەندىلا ئائىلىسىدىكىلەر ھەم دوستلىرىنىڭ تىلىكىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئالتۇنخان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم «بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن تىلەك سۆزىنىڭ كەينىگە «مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىڭ» «سىزگە ئىشىنىمەن، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايسىز» دېگەندەك جۈملىلەر قوشۇلۇپتۇ، كۆرۈپ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، گەرچە جاۋاب قايتۇرغۇدەك ۋاقتىم بولمىسىمۇ، «ئەمما مەن ھەرىكىتىم ئارقىلىق چوقۇم ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمەن».

سائەت 18دە، دوختۇرخانا ئاشخانىسىدا ئاشپەز ئىسسىق گۆش، پىنتاڭنى تاماق قاچىلىرىغا ئۇسۇۋاتاتتى. «بۇ ئاغرىقلارغا تەييارلانغان كەچلىك تاماق. بۈگۈن بايرام، گۆش، پىنتاڭ قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى يېسە، ئاغرىقلار ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىدۇ» دېدى دوختۇرخانا ئارقا سەپ كاپالىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ يەنمېڭ مېۋە - چېۋە ۋە قېتىقلارنى بۆلگەچ.

بىر ئاغرىق سىن ئارقىلىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «دوختۇرلارنىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالىشى جايىدا بولدى، سېسترالارنىڭ خەۋەر ئېلىشىمۇ ئەتراپلىق بولدى، مېنىڭ بالدۇرراق دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىشەنچىم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى