تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئارقا-ئاقىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى دوختۇرخانىدىن چىقتى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 14-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمى ھەمدە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
«نۆۋەتتە، بىز داۋالاپ ساقايتقان ئاغرىق مىسالىنىڭ ھەممىسى ‹يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسى› (7-نەشىرى)دىكى دوختۇرخانىدىن چىقىش دىياگنوز ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تۆت شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.
تۆت شەرتنىڭ بىرىنچىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق بولغان بولۇش؛ ئىككىنچىسى، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولۇش؛ ئۈچىنچىسى، ئۆپكە تەسۋىر ئىلمىدە ياللۇغ روشەن سۈمۈرۈلگەن بولۇش؛ تۆتىنچىسى، ئۇدا ئىككى قېتىم نەپەس يولى نوكلېئىك كىسلاتاسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان بولۇش (ئەۋرىشكە ئېلىنغان ۋاقىت پەرقى ئاز دېگەندە بىر كۈن بولغان بولۇش). يۇقىرىقى كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى، بەدەن ئالامەتلىرى، تەجرىبىخانا ۋە تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، كېيىنكى ئىز قوغلاپ دىياگنوز قويۇش قاتارلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىش ئىشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىغا ئاساسەن تارقىتىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇش قائىدىسى»دىكى ئۆلچەم بويىچە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنىدۇ.
لۇ چېن مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا يەنە ئاز دېگەندىمۇ 14 كۈن تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قەرەللىك زىيارەت قىلىنىپ قايتا دىياگنوز قويۇلىدۇ.
داۋالاپ ساقايغان ئاغرىقلارنى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى قەرەللىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاشتا، ئالدى بىلەن ئاغرىقنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى ۋە چىدامچانلىقى، بەدەن ئىقتىدارى ۋە كۈندىلىك پائالىيىتى قىسقىچە باھالاپ چىقىلىدۇ. دوختۇرخانىدىن چىققان ئېغىر ئاغرىق ۋە خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارغا قارىتا نەپەسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ دوختۇرخانىدىن چىققان يېنىك تىپتىكى ئاغرىق، ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىقلار ئەھۋالغا قاراپ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق چېنىقسا بولىدۇ.
دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئېغىر ئاغرىقلار تېببىي داۋالاش ئارقىلىق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەدەن ئىقتىدارى مەشىقىنى كۈچەيتىپ، مادارىغا قاراپ ئوكسىگىنلىق مەشىق ئېلىپ بېرىپ، بەدەن قۇۋۋىتى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.