تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى 24 سائەتلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويدى

تازىلىق ئاپتوموبىلى بازارنى تازىلىماقتا.

سېتىقچى كۆكتات توشۇماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شيا جۈنكەي، تيەن يۈەن خەۋىرى، فوتوسى): ئومۇميۈزلۈك دېزىنفىكسىيەلەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17دىن باشلاپ، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جيۇدىڭ بازىرى دېيىلىدۇ) پۈتۈن 24 سائەتلىك تىجارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، بازاردىكى ھەرقايسى مېۋە-چېۋە، كۆكتات سودىگەرلىرىنىڭ تىجارىتى تەرتىپلىك بولماقتا.

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، مۇخبىر جيۇدىڭ بازىرىدا چوڭ، كىچىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپ بىلەن جيۇدىڭ بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە، جيۇدىڭ بازىرىدا مېۋە-چېۋە، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولغان، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى تەمىنلەش مىقدارى 1500 نەچچە توننىغا يەتكەن.

تىجارەتچى كۆكتاتلارنى يۆتكىمەكتە.

  جيۇدىڭ بازىرى قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، بازارغا كىرگەن ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى ھەقسىز ماسكا بىلەن تەمىنلەپ، تىجارەتچىلەرنىڭمۇ ماسكا تاقاپ تىجارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بازار ئىچىدە ماسكا تاقاشنى پۈتۈن مۇساپىلىك قېلىپلاشتۇرۇشنى نازارەت قىلغان؛ بازار ئىچىدە توپلىشىۋېلىش، يىغىلىۋېلىشنى چەكلەپ، سودا قىلغاندا 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاشنى تەلەپ قىلغان؛ ھەر كۈنى بازارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفىكسىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارغا كىرگەن خادىملارنى  دېزىنفېكسىيە قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز بازاردىكى سودىگەرلەرنىڭ مال مەنبەسىنى كېڭەيتىشىگە پائال ئىلھام بېرىپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، بازاردىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتات مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە <كۆك-تاق> بىلەن تەرتىپلىك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ گۇاڭمىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى