تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى تۇتۇش

  خەلق گېزىتى خەۋىرى (خەن لىچۈن): 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇربان ھېيت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى تۇتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە، كۆپ تەرەپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىنىڭ مول، كۆپ خىل بولۇشىغا، تۇرمۇشىنىڭ غەم-ئەندىشىسىز ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى توپ سېتىش باھاسى بويىچە يېڭى كالا، قوي گۆشى سېتىۋېلىپ، تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىنكى باھا بويىچە بازارغا سالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشىنى بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلىدى. «بۈگۈن دۇكاندا 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆش بار. يېڭى كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامى 66 يۈەن، يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامى 60 يۈەن.» 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى بىر كالا، قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى دەل ۋاقتىدا ئېچىلىپ، دۇكان ئىگىسى شيې شياۋجۈەننىڭ بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقى باشلاندى.

  يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى دەل جايىدا ئېلىپ باردى. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۈن ئوتتۇرا يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋەنشېڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي پىدائىيلارنى باشلاپ، ئاھالىلەر سېتىۋالغان يېڭى كالا، قوي گۆشىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردى. «بۈگۈن بىز 67 ئائىلىنىڭ زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ھەممىسىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزدۇق. ياشانغانلار، مېيىپلەرگە نىسبەتەن بىز ئېتىبار بېرىپ ئالدىن يەتكۈزدۇق، كۆپچىلىكنىڭ بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!»

  تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى داۋان شىمالىي مەھەللىسىدە، مەمەتتوختى رەجەپ ئائىلىسىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئېسىل تائاملار لىققىدە تىزىلدى. «ئۆيمۇئۆي بېرىپ تۇغقان يوقلىماي، ئۆيدە بايرام ئۆتكۈزسەكمۇ ياخشى بولىدىكەن! پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلسا، بىز چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى