تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 31، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى سەككىز، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن يېڭىدىن كۆپەيگەن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار يەتتە بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەرگىنى ئىككى.
7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 547سى (خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى بەش، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 25) بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 544، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)، بىڭتۇەندە بىر؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 109ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 107، بىڭتۇەندە بىر، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)؛ 14540 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24 كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 16، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 16 بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.