تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى: مەنبەسى مۇنتىزىم بولمىغان، دەلىللەنمىگەن يۇقۇم ئۇچۇرىغا ھەرگىز ئاسانلىقچە ئىشىنىپ تارقاتماسلىق كېرەك

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): يېقىندا، ئالاقىدار تارماقلار پىتنە–ئىغۋا توقۇش ۋە تارقىتىشقا دائىر بىر قانچە تىپىك دېلو مىسالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قانۇنچىلىق تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن تارماق ئەترەت باشلىقى مۇرات ئابدۇۋايىت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 14-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

مۇرات ئابدۇۋايىت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ تور ئەھلى پىتنە-ئىغۋا توقۇماي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە پائال ماسلىشىپ ۋە قوللاپ، ئەمەلىي سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە مەدەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى. ئەمما يەنە بىرقىسم كىشىلەر قەستەن پىتنە-ئىغۋا توقۇپ، تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىگە كاشىلا ئېلىپ كەلدى.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تور ئەھلى جىن Xنىڭ ۋېيشىن توپىدا «بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەلۇم بىر ئايالنىڭ چېگرادىن كىرگەندە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتمىگەنلىكى ۋە ئايرىش تەدبىرى قوللانمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىن Xنىڭ ئالاقە تورىدا پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ تارقاتقانلىقىغا دائىر ئاساسىي پاكىتنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 25-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىن Xنى قانۇن بويىچە 10 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويدى.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەلۇم تور ئەھلى دوستلار چەمبىرىكىدە «پۈتۈن شەھەر بويىچە سۇ تۇرۇبىلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، دېزىنفېكسىيە قىلغان سۇنى ئىككى كۈندىن كېيىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقان. بۇ پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىغا قارىتا، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، دۆلەت شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى نازارەت قىلىش-ئۆلچەش تورىنىڭ ئۈرۈمچى نازارەت قىلىش-ئۆلچەش پونكىتى سۇ مەنبەسى، زاۋۇتتىن چىققان سۇ، تۇرۇبا تورى سۈيى، ئاخىرقى ئۇچتىكى سۈيىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، سۇ سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. سۇ تۇرۇبىسىنى دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ، دېگەن بۇنداق سۆز مەۋجۇت ئەمەس، سۇ توختاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرمۇ يوق. نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پىتنە-ئىغۋا توقىغان ۋە تارقاتقان تۆت ئالاقىدار كىشىگە تەنقىدىي تەربىيە بەردى.

مۇرات ئابدۇۋايىت مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، خەتەرلىك ئەھۋال، يۇقۇم ئەھۋالى، ساقچى ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قەستەن ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 25–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بەش كۈندىن يۇقىرى، 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ۋە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىك بولغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. پىتنە-ئىغۋاغا ئىشىنىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشقا چېتىلىپلا قالماي، ئېغىر بولغانلىرى جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشقا چېتىلىشىمۇ مۇمكىن.

ئۇ كەڭ تور ئەھلىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، مەنبەسى مۇنتىزىم بولمىغان، دەلىللەنمىگەن يۇقۇم ئۇچۇرىغا ھەرگىز ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، تارقاتماسلىق، شۇنىڭدەك سۇبيېكتىپ پەرەز قىلىپ، يۇقۇمغا ئائىت ھەقىقىي بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ تارقاتماسلىق كېرەك. توردا پىتنە-ئىغۋا توقۇپ، تارقىتىپ ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەككە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى