تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: يېشىل يول ئېچىپ، بازار ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): نۆۋەتتە، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شياڭرۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇم مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بازارنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

    7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 14-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا لى شياڭرۇن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىشقا قارىتا قوللانغان تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

    لى شياڭرۇن مۇنداق دېدى: «باقمىچىلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بازار تەمىناتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال سېتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللاندۇق»:

   بىرىنچى، مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، يەرلىكنىڭ بازار تەمىناتى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ماسلاشتۇردۇق.

   ئىككىنچى، يەرلىكنىڭ كۆكتات، گۆش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، شۇ جايىدىن ئۈزۈش خادىملىرىنى تەشكىللەپ، كۆكتاتلارنىڭ كۈندىلىك يىغىۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، پىشقان كۆكتاتلارنى تېزدىن يىغىۋېلىپ، بازار ئېھتىياجى بويىچە بازارغا سېلىشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇردۇق؛ باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش زاپىسىنى كۈچەيتىپ، بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى چارۋىلارنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، سويۇش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق.

   ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنليەن بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كۆكتات توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ كۆكتات يىغىپ ساقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ھەرقايسى توپ سېتىش بازارلىرىدىكى سودىگەرلەر، سودا سارايلار ۋە زاپاس ساقلاش، يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى ئەتراپتىكى ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ مال مەنبەسىدىن سېتىۋېلىشقا تەشكىللىدۇق. گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، سويۇش كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، چوشقا، كالا، قوي، توخۇ بېقىش، يىغىپ ساقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن سويۇش مىقدارىنى ۋاقتىدا ئاشۇردۇق.

   تۆتىنچى، قاتناش باشقۇرۇش، قاتناش تارماقلىرى بىلەن ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لارنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىل يول خېتى تارقىتىپ، يېشىل يول ئېچىپ، بازار ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. 

    «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يىغىپ ساقلاش، سويۇش، توشۇش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ھالقىلاردىكى خادىملارغا قارىتا بىرتۇتاش نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب يوقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. باقمىچىلىق مەيدانلىرى، قۇشخانىلارنى يېپىق باشقۇرۇپ، گۆشنى كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە مۇھىتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بازار ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق» دېدى لى شياڭرۇن.

    بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 146 مىڭ 300 مو بولغان، ئاساسلىقى چەيزە تۈرى، يوپۇرماقلىق كۆكتات تۈرى، ياڭيۇ تۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىن 40 نەچچە خىل سورت بار بولۇپ، يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 574 مىڭ 200 توننىغا يەتكەن؛ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 40 مىڭ توننىغا يەتكەن.

    ھازىر يەرلىكنىڭ كۆكتات بىلەن كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارى 1500 توننا ئەتراپىدا، گۆش تۈرىدىكىلەر بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 200 توننا ئەتراپىدا بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى