تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

مەھەللە خادىملىرى يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارغا كۆكتات ۋە تاماق يەتكۈزۈپ بەردى

  شىمىگو رايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسى رۇڭخۇي مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ نا) «فېڭ ئانا، بۈگۈن مەھەللىدە دۇفۇ قورۇغان، سىزمۇ تېتىپ بېقىڭ!»

  «فېڭ ئانا، ئاشخانىمىزدا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پولۇ قىپتۇ، تېتىپ بېقىڭ!»

  ...

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) گۇيلىن يولى مەھەللىسى يۈشىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى موماي فىڭ يۆخۇا ھەركۈنى مەھەللە كادىرى تاڭ يىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ۋە ئىشىكنىڭ چېكىلگىنىنى ئاڭلايدۇ، «ياخشى بالام، ماڭا يەنە تاماق ئەكەلدىڭىزمۇ!»

  فىڭ يۆخۇا 70تىن ئاشقان بولۇپ، بالىلىرى يېنىدا ئەمەس. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئالاھىدە ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە تەۋەلىك رايونىدىكى پىدائىيلار ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاشخانىدىكى دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچىنى ئىشلىتىپ، ھەركۈنى مومايغا تاماق يەتكۈزۈپ بەردى.

  دەسلەپتە، فېڭ يۆخۇا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كېلىنىنى يېنىغا ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتقانىدى. بىراق ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر تاڭ يى ئۇنىڭغا سەۋىرچانلىق بىلەن: «فېڭ ئانا، بىزمۇ كىلىنىڭىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىراق ھازىر ئالاھىدە مەزگىل، ئۇ كېلەلمەيدۇ، سىزنڭ تامىقىڭىزنى ھەل قىلىش ھەممىدىن مۇھىم!» دەپ چۈشەندۈردى.

     سايباغ رايونى گۈلىستان مەھەللىسى گۇاڭخۇي خۇيجىڭ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 76 ياشلىق ليۇ لەنفېن مەھەللە ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان كىشىلەر ئىچىدىكى بىرى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سايباغ رايونى يامالىق تېغى باشقۇرۇش كومىتېتى گۈلىستان مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ليۇ لەنفېڭغا كۆكتات، تۇخۇم، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى، تېرمومېتىر قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
  «بۇ بىر نەچچە كۈندە ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى» دېدى ليۇ لەنفېڭ.

  ئۇ بىر تەرەپتىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغاندەك ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىشىگە تەقەززا ئىدى، ليۇ لەنفېڭ ھەركۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كېلىپ ئىشىكىنى چېكىشىنى ساقلايتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سايباغ رايونى يامالىق تېغى باشقۇرۇش كومىتېتى گۈلىستان مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى رۇڭ گوۋېي مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قىيىنچىلىق مەزگىلدە ئاۋانگارتلىق رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك».

  شىمىگۇ رايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسى رۇڭخۇي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق فەن شيۇيىڭ مەھەللە رەتكە تۇرغۇزغان يالغۇز تۇرىدىغان 29 نەپەر ياشانغان كىشى ئىچىدىكى بىرى، پىدائىيلار ھەركۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يېمەكلىككە دىققەت قىلىپ، ئۆزىنى ئاسرىشىنى، ئالاھىدە مەزگىلدە سىرتقا چىقىشقا بولمىغاچقا، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا مەھەللىگە تېلېفون قىلىشنى ئەسكەرتتى. «مەن 82 ياشقا كىردىم، پىدائىيلار ھەركۈنى كېلىپ ياردەم قىلىدۇ، ئۇلار بولسىلا، مەن يالغۇزلۇق ھېس قىلمايمەن» دېدى فەن شيۇيىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى