تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: تۇرمۇش مۇلازىمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈل-كېسىل توسۇش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللىلەرنى يېپىق باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. يېپىق مەزگىلدە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىندى؟

    7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 14-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەرقايسى تارماقلاردىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنى پائال تەشكىللەپ، مەھەللىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈندىلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب يوقىتىش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تۇرمۇش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق».
    بىرىنچىدىن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردۇق. ئولتۇراق رايون ياكى بىنالارنى بىرلىك قىلىپ ۋېيشىن توپى قۇردۇق، ئاھالىلەر توپتا ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى يوللىسا، مەھەللىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار دەرھال ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋېيشىن توپىدىكى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت ۋە دورا، بوۋاقلار بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا تىزىملىدى، پىدائىيلار بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ، تۈرگە ئايرىپ قاچىلاپ ھەمدە ئۇچراشماسلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە بىر-بىرلەپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەشكىللەندى.
    ئىككىنچىدىن، ئاھالىلەرنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىنى ھەل قىلدۇق. ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۇ، توك، گاز قاچىلاش، ئەخلەت يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ۋە ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ۋاقتىدا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۆكتاتلىرى، ياغ، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ھەقسىز تەمىنلەپ، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، قان تازىلىتىش قاتارلىق داۋالىنىش ئېھتىياجى بار ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا پۈتۈن كۈن دورىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، مەخسۇس كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشقا ئاپىرىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق.
    ئۈچىنچىدىن، ئاھالىلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتتۇق. ئولتۇراق رايون ۋېيشىن توپى، مۈلۈك ئىگىلىرى QQ توپى، تېلېفون قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار سىياسەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدۇق، ئاھالىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پىسخىكا ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بەردۇق، ئۇلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چۈشىنىش، ماسلىشىشقا يېتەكلىدۇق.
    تۆتىنچىدىن، بايراملىق كاپالەت سالمىقىنى زورايتتۇق. قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، كۈندىلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلغۇچىلا قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەربىر ئادەمگە 500 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردۇق. بارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى تولۇق تارقىتىپ، 9223 ئائىلە، 11 مىڭ 826 ئادەمنى نەپكە ئېرىشتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا، مۇنتىزىم بېكىتىلگەن قۇشخانىلار بىر تۈركۈم تىرىك قوينى بىرتۇتاش سويۇپ، توردا زاكاز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساتتى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەرقايسى رايون(ناھىيە)، مەھەللىلەر ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بەردى.
    «كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تولۇق چۈشەندى، پائال قوللىدى، بىز كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى شاڭ يۈلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى