شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نان ۋە بولكىلارنى تەقدىم قىلدى. سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): 450 يەشىك پەيزاۋات قوغۇنى، 1000 قۇتا تۆگە سۈتى تالقىنى، 17 مىڭ دانە نان، 10 توننا لازا ... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ماددىي ئەشيالىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلدى.
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تۆت قېتىمغا بۆلۈپ 17 مىڭ دانە نان ۋە 2000 دانە بولكىنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. «بىر قېتىمدىلا توشۇپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئىككى دوختۇرخانىغا تۆت قېتىم توشۇدۇق، دوختۇر-سېسترالارنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلار بەك جاپا چېكىۋاتىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى راھىلە ئابلىز شۇنداق دېدى.
يېقىندا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا، مەخسۇس ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر ئۈچۈن سۈت تالقىنى ئىشلەپچىقاردى. ئۈچ كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، ھازىر 1000 قۇتا سۈت تالقىنى ئىشلەپچىقاردى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان دوختۇر-سېسترالارغا ئىئانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات توپ تارقىتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گو بو (ئوتتۇرىدا) لازا تەقدىم قىلماقتا. سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن
7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ياردەم بېرىپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گو بو بىلەن لىن جۈنتاۋ 10 توننا لازا ئىئانە قىلدى. «10 توننا لازا ئىئانە قىلغان يىگىت ئەتىسى سەھەر سائەت 2 گىچە ئالدىراش بولۇپ، لازىنىڭ ھەممىسىنى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ياردەم بېرىش- قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شۇنداق دېدى.
«بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە ئۇلار بىزنىڭ تۇغقىنىمىز، بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارغا چوقۇم يېڭى كۆكتاتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز.» گو بو مۇنداق دېدى: «ھازىر ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆكتاتنى دوختۇرخانىغا يەتكۈزدۇق، چىن كۆڭلىمىزدىن مەمنۇن بولدۇق، مۇشۇنداق قىلىشمىزغا ئەرزىيدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، دوختۇر-سېسترالاردىن باشقا، خەلق ساقچىلىرىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش-باھا قويۇش جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان 36 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پەيزاۋات قوغۇنىنى تاپشۇرۇۋالغان.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچەيتىلگەندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پائال پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 857 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.