تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى: يۇقۇم باشقۇرۇش-تىزگىنلەشكە بويسۇنمىغانلارغا قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، مۇخبىرلىرىمىز دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىنلار فوتوسى): 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 13-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قانۇنچىلىق تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى مۇرات ئابدۇۋايىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەربىر شەھەر ئاھالىسى قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق ھالدا رىئايە قىلىشى كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە ئۆز مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلىشى، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقىشى، مۇناسىپ ئارىلىق ساقلىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئايرىپ كۆزىتىش ۋە داۋالاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىشى، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە،تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتى، كەنت كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئۇچۇرلار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن.

  «يۇقۇم باشقۇرۇش-تىزگىنلەشكە بويسۇنمىغانلارغا بىز قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىمىز.» دېدى مۇرات ئابدۇۋايىت.

  مۇرات ئابدۇۋايىت مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى جاڭ XX تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، جاڭ XX تەلەپ بويىچە ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرماي، ئۆز مەيلىچە ئولتۇراق رايوندا بەدەن چېنىقتۇرغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ نەسىھەت قىلىپ توسۇشىنى ئاڭلىماي، ماسكا تاقاشنى رەت قىلغان ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش  خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن جېدەللەشكەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ 50-ماددا بىرىنچى تارمىقى بىرىنچى تۈرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىكى بەلگىلىمە بويىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭ XXكە 200 يۈەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن.

  مۇرات ئابدۇۋايىت مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا پۈتۈن شەھەردىكى يۇقىرى-تۆۋەن ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىشى كېرەك. كەڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك بەلگىلمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى