تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيەت مۇددىتى توشسا قانداق قىلىشى كېرەك

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيەت مۇددىتى توشسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيەت مۇددىتى توشسا، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىرتۇتاش ئۇزارتىلىدىكەن.

    يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يۇقۇم مەزگىلدە قۇرۇلۇش كارخانىلىرى سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تەكشۈرۈپ تارقاتقان قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش ۋە بىناكارلىق كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش نازارەت قىلىش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان جەرياندا توشىدىغانلىرى، بىر تۇتاش ھالدا 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ.

    بۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ۋە ۋىلايەتلىك(ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارماقلىرى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىش سالاھىيىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى قايتا قۇبۇل قىلمايدۇ، قۇبۇل قىلغانلىرىنى قايتا تەستىقلىمايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار قۇرۇلۇش كارخانىلىرى سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى مەملىكەت بويىچە بىناكارلىق بازارلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئاپتوماتىك ئۇزارتىلىدۇ، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز، بۇ مەزگىلدە يەنىلا قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدا كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا بىرتۇتاش شەكىللەندۈرۈلىدۇ ھەمدە مەملىكەت بويىچە بىناكارلىق بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ماس قەدەمدە يوللىنىدۇ، شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىمۇ <توردا تەستىقلاش>، <توردا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش> ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشلىنىپ، يۇقۇمنىڭ بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى