تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 112 (30 ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، بۇنىڭ ئىچىدە سانجى ئوبلاستىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن، قالغىنىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىساللىرى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى نۆل؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئۈچ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن يېڭىدىن كۆپەيگەن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار بەش بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەرگىنى ئىككى.

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 523ى (خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق مىسالى بەش، ئېغىر ئاغرىق مىسالى 27) بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 520، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى)، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى)، بىڭتۇەندە بىر؛ ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 108ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 106، بىڭتۇەندە بىر، سانجى ئوبلاستىدا بىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن)؛ 12416 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24 كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي توققۇز، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار توققۇز بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ