تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنىڭ تولۇق، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنىڭ تولۇق، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ۋە بېييۈەنچۇن مېۋە - چېۋە، كۆكتات بازىرىغا بېرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئەشيا ئوبوروتى توشۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قانچىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ «كۆك - تاق» «ئاشلىق»ىنى شۇنچە ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

شىنليەن بازىرى ۋە بېييۈەنچۇن بازىرىدا، شۆھرەت زاكىر بازار تىجارىتىنى باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، سېتىش، باھا، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى كۆكتات ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كەسپىي خادىملىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئېلىپ، بازار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ كىرىش - چىقىشى، توختىتىشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ توپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بازار مۇھىتىنىڭ پاكىز ۋە بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاش، توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، ساقلاش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۆتكەللىرىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنى «كۆك - تاق» «ئاشلىق» بىلەن تەمىنلەش يولىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ياخشى، كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار، مەھەللىلەر، توپ سېتىش تىجارەتچىلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، يۆتكەپ توشۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم مەزگىلى ۋە قۇربان ھېيتتا كۆكتات، گۆش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تولۇق، تۈرلىرىنىڭ تەل، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن قادىربېك قامزا، ما شيۇڭچېڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى