تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى

جاڭ بېي

ئىككى كۈندىن بۇيان، مۇنداق بىر بۆلەك سىن دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى: شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ سېسترالىرى ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملاپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتىش يولىدا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى ئۇلارغا كوللېكتىپ سالام بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەن. سىندا دوختۇر - سېسترالار «بەك تەسىرلەندۇق» «ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ» دېيىشكەن. سىن سىرتىدا، بۇ كۆرۈنۈشنى توختىماي چېكىپ تارقىتىۋاتقان بىزنىڭ داۋالاش - سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي ھالدا شۇنداق دېگۈمىز بار: كىشىلەرنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرۈۋاتقىنى سىلەر، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى بېغىشلىشىڭلار، مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلار بىز ئۈچۈن ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ بەردى، سىلەردىكى تېببىي خادىملارغا خاس مېھرىبان قەلب بىزگە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بېغىشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلانغان داۋالاش - سەھىيە خىزمەتچىلىرى ھەربىر ئىش ئورنى، ھەربىر سەپتە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ۋىرۇس بىلەن ئېلىشتى... يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق تومۇز ئىسسىقتا، جىمجىتلىققا تولغان كېچىدە، ئۇلارنىڭ ئالدىراش سىيماسى بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز، بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدايدىغان پۇختا توسۇقنى بەرپا قىلدى.

بۇ ئاددىي قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ تېببىي خادىملارغا خاس مېھرىبانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ساپ، ئەڭ سەمىمىي ھېسسىيات. ھەممەيلەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پائال ماسلاشساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇم تۇمانلىرىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قۇچاق ئاچالايمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ