تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۇيچۈەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ياشلار يولى جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئادىل قۇربان قوي - كالا گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىن ئاھالىلەر ئۈچۈن قوي - كالا گۆشى سېتىۋالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە، تەكسە باھالىق قوي - كالا گۆشىنى ئۇدا سالىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشى سېلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى تەكسە باھالىق گۆش، خاتىرجەم گۆش ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى)

بايرام يېقىنلىشىپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قوي - كالا گۆشى قاتارلىقلارنىڭ بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە دەل جايىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قىلدى، كۆپ تەرەپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىنىڭ مول، كۆپ خىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ بەس - بەستە ئۆيلىرىنى تازىلاپ، خاس مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، بايرامنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى گۆش، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلار كۆزنى قاماشتۇردى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا، ئۈرۈمچى شەھىرى بازارغا سالغان شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆش تىيانشان رايونى سۇيچۈەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ياشلار يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى قوي - كالا گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا يەتكۈزۈلدى. «بۈگۈن دۇكاندا 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زاپاس گۆش بار. ھەر كىلوگىرام يېڭى كالا گۆشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 66 يۈەن، ھەر كىلوگىرام يېڭى قوي گۆشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 60 يۈەن بولۇپ، ھەممىسى ئەتىگەندە سويۇلغان، ناھايىتى يېڭى» دېدى دۇكاندار شيې شياۋجۈەن قوي - كالىلارنىڭ گۆشىنى ئالدىراش پارچىلىغاچ.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بايرام مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى توپ سېتىش باھاسى بويىچە يېڭى قوي - كالا گۆشى سېتىۋېلىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بەرگەندىن كېيىنكى باھا بويىچە بازارغا سالىدىكەن. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە تەخمىنەن 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشىنى ئۇدا بازارغا سالىدىكەن.

ئىلى جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا، تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەممە نەرسە تولۇق ئىدى، شۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەر ئارقا - ئارقىدىن تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

قورغاس شەھىرىدىكى دۇڭفاڭخۇڭ تاللا بازىرىدا، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى مال جازىسىغا لىققىدە تىزىلغان بولۇپ، تاللا بازىرىنىڭ خادىمى ۋۇ سۇڭ مال تەقسىملەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «7 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ، تاللا بازىرى ئالدىن زاكاز قىلغان ماللار ئارقا - ئارقىدىن دۇكانغا كەلدى، مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مال تەقسىملەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمەن» دېدى ۋۇ سۇڭ.

سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىنىپ، ئۆيلەرگىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈلدى

«گۆش ناھايىتى يېڭى، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس ئىكەن. تۈنۈگۈن زاكاز قىلغانتىم، بۈگۈن ئۆيگە يەتكۈزۈپ بەردىڭلار، جاپا چەكتىڭلار، كۆپ رەھمەت.» 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۇن ئوتتۇرا يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋەنشېڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېينىڭ قولىدىن زاپاس گۆشنى ئېلىپ، ئاھالە مەمەت روزى ناھايىتى خۇشال بولدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاڭ ۋېي بىر نەچچە پىدائىينى باشلاپ تەۋەلىكىدىكى قوي - كالا گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى بىلەن تۇرالغۇ بىنالىرى ئارىسىدا قاتراپ، ئاھالىلەر سېتىۋالغان يېڭى قوي - كالا گۆشلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆيلەرگە يەتكۈزۈپ بەردى. پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئىشىك نومۇرى ۋە قوي - كالا گۆشىنىڭ زاكاز قىلىنغان قىسمى، مىقدارىنى قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇپ دەلىللەپ، مال سېتىۋېلىش تالونىنى يېمەكلىك خالتىسىغا سېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ سېلىشتۇرۇشىغا قولايلىق ياراتتى. «بۈگۈن بىز 67 ئاھالىنىڭ زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، چوڭ ياشلىق ياشانغانلار، مېيىپلەرگە ئالدىن تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىمىز، كۆپچىلىكنىڭ خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!» دېدى جاڭ ۋېي.

«بۇ سىز بۇيرۇتقان كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر، قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا بىزگە دېسىڭىز بولىدۇ، بايرىمىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن!» 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارمىسى ئۈژمىلىك مەھەللىسىدە، مەھەللە خىزمەتچىسى شى خۇڭچياڭ مال سېلىنغان خالتىنى ھەرىكىتى قولايسىز موماي گۈلمىرە نۇرمەمەتكە تاپشۇرۇپ بەردى. «مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەرقاچان بىزنى ئويلايدۇ، ئۆيدە يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەر كەم ئەمەس، بايرامنى چوقۇم خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزەلەيمىز!» دېدى گۈلمىرە.

بايراملىق تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىدىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى «توشۇغۇچى» «ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى»لارغا ئايلىنىپ، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە بولغان تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۆيلەر تازىلىنىپ، پېچىنە - پىرەنىكلەر پىشۇرۇلدى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى داۋان شىمالىي مەھەللىسى ئاتلانتىس ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە مەمەتتوختى رەجەپنىڭ ئۆيىدە ئۈزۈم، قوغۇن، ساڭزا، نان قاتارلىق مەززىلىك تائاملار ئۈستەلگە لىق تىزىلغانىدى. يېرىم ئاي بۇرۇنلا، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيلەرنى تازىلاپ، ساڭزا سېلىپ، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشقا باشلىغان. «يۇقۇم ئالدىدا، بىز ئاڭلىق ھالدا ئۆيدە تۇرۇپ بايرام ئۆتكۈزۈشنى تاللىدۇق، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى يوقلاپ بارمايمىز، قولۇم - قوشنىلارنىڭكىگە كىرمەيمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز جەزمەن بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز!» دېدى مەمەتتوختى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى غولبويى يېزىسى قارابۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەبىبە ئابلىمىت سەھەر تۇردى. ئۇ ئالدى بىلەن قوتانغا بېرىپ قويلارغا يەم بەردى، ئارقىدىن سۈپۈرگىنى ئېلىپ ھويلىنى، ئۆيلەرنى تازىلىدى. «بايرامغا ئاز قالدى، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتى رەتلىك، پاكىز بولۇشى كېرەك.» ھەبىبە تۇرۇۋاتقان ئەمىن ئۆيدە توڭلاتقۇ، سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. يېڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان داستىخاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قىپقىزىل ئانار نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەبىبە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى يېڭى ئۆيدە ئولتۇرغۇزدى، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، ھازىر كۈنلىرىمىز بايرامدەك ئۆتۈۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن!»

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار لى چۇنشيا، يۈ شى، جاۋ يۆ، جەزىرە نېسىپبېك، خەن چىنيەن، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جېنچياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ