ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلاندى
يۇقۇم ئالدىدا خىسلىتىنى نامايان قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، بۇ ئىدارە پۈتۈن شەھەردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرگە تەشەببۇسنامە چىقارغان: دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رولىمىزنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئارمىيە بايرىقىنى داۋاملىق جۇلالاندۇرايلى.
تەشەببۇسنامە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئارمىيەدىن چېكىنگەن نۇرغۇن ھەربىي بەس - بەستە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يېزىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلاندى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي ۋاڭ يەنجۇ شۇ ھامان ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ تەشەببۇسنامىنى تارقاتتى ھەم مۇنداق دەپ سۆز قالدۇردى: «ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساقمۇ، خىسلىتىمىزنى يوقاتمىدۇق، ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساقمۇ، ئىرادىمىزدىن يانمىدۇق. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتنىشايلى!»
«مەھەللىمىزنىڭ پىدائىي قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال تىزىمغا ئالدۇردۇم. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.» ۋاڭ يەنجۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى بىر قىسىم سەپداشلىرىم مەن ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە يوللىغان تەشەببۇسنامىنى كۆرۈپ، پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئاكتىپ تىزىملاتتى».
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 13كىچە، 500دىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، شەھەرلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رېن جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلانغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سانى مۇلازىمەت قىلىش جەمئىيىتى ئىستاتىستىكا قىلغان سان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتى ۋە يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئارمىيەدىن چېكىنىگەن ھەربىيلەر پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە پائال قاتناشقاندىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى پىدائىيلار كوللېكتىپلىرىمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقى، ئەسكەر ئانىلار، لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى، قىزىل يۇلتۇز خور ئۆمىكى قاتارلىقلار بار ئىكەن.