تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىسخىكا دوختۇرلىرى ئاغرىقلارنى سىن ئارقىلىق پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ «ئۆتكۈنچى مەزگىل»دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ھەمراھ بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، يىن توڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، كېسەلخانىغا كىرىپ، پاكىزلاش رايونىدا ئاغرىقلار بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈش..... ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ پىسخىكا دوختۇرلىرى ئاغرىقلارغا پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىشتا، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا «يېقىن ئارىلىقتىن» سىن ئۇسۇلىنى تاللاپ بېكىتتى، ھازىرغا قەدەر ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى.

  7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 9دا، پىسخىكا دوختۇرى چېن شياۋيىڭ ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بېكىتىلگەن دوختۇرخانا» دېيىلىدۇ)دا ئۇنى كۆردى، «پىسخىكىلىق مەسىلىنىڭ كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەمدىلا ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىش نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن قوبۇل قىلىش تەس بىر جەريان ھېسابلىنىدۇ، بىز ھەممىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلاشقاندا، ئاغرىقلار بىز ۋە دوختۇر-سېسترالارنىڭ ھەمراھلىقىدا <ئۆتكۈنچى مەزگىل>نى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.» دېدى چېن شياۋيىڭ.

  چېن شياۋيىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇلار ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلدى، پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئاغرىقلارنى دوختۇر-سېسترالار ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى باشلىدى.

  «دەسلەپتە، بىز مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ ئاغرىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆز ئاسراش ئەينىكى بىر قەۋەت ھور بولۇپ قالىدۇ، ئاغرىقلار بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئېنىق ئاڭلىيالمايدۇ، بىزنىڭ كۆز ئىپادىمىزنىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، بىز يەنە كېسەل رايونى ئەتراپىدىكى پاكىزلاش رايونىدا ئاغرىقلار بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈشنى سىناپ باقتۇق، ئۇلار بەكرەك بۇ خىل ئۇسۇلنى قوبۇل قىلىشنى خالىدى.» دېدى چېن شياۋيىڭ. پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتقان ئاغرىقلار بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەسىلە كېسەللىك ئەھۋالىغا بولغان قورقۇش ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئېنىقسىز تەشۋىشلىنىش ئىدى.

  «بىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشەنچىمىز بار، ئەمما ئاغرىقلاردا پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلسە، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.» دېدى چېن شياۋيىڭ.

  چېڭ شياۋيىڭ بىر مىسال كەلتۈردى، 53 ياشلىق بىر يېنىك تىپتىكى ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن دائىم يىغلاپ، دوختۇردىن ئۆزىنى داۋالىيالايدىغان-داۋالىيالمايدىغانلىقىنى تەكرار سوراپ تۇرۇۋالدى، دوختۇرنىڭ تەسەللىسىگە پىسەنت قىلمىدى، بۇ چاغدا پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش ئىنتايىن زۆرۈر. «بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز چۈشىنىپ ۋە زەن قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دېيىشكە ئالدىرىماي يېتەكلەشتىن ئىبارەت.»

   چېن شياۋيىڭ بۇ ئاغرىقنىڭ ئادەتتە بىرقەدەر سەزگۈر ئىكەنلىكىنى، ئويلايدىغان ئىشىنىڭ بىرقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بىر ئىشقا يولۇقسا بۇنداق ھالەتنىڭ ئىككى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

  «بۇ پاسسىپ كەيپىيات بولۇپ، پاتقانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ، خۇددى بىر ماگنىتلىق دېسكا قىسىلىپ قالغاندەك بولىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئۇنى راۋانلاشتۇرۇش بولۇپ، چۈشىنىش، زەن قويۇپ ئاڭلاش ۋە يېتەكلەش ئۇسۇلى بىلەن، بۇ ئوينى ئاغرىقتىن يىراقلاشتۇرۇش.» دەپ تونۇشتۇردى چېن شياۋيىڭ.

  ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرگە قارىتا، چېن شياۋيىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى، ئاھالىلەر پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنى تەڭشەپ، تېلېفون ياكى سىن ئارقىلىق يېقىن دوستلىرى، كەسپىي ئەربابلار بىلەن سىردىشىپ، تاماق ئېتىپ، چېنىقىپ...... بىر ئىشنى تېپىپ قىلىپ، قايتىدىن كونتروللۇق تۇيغۇسى، ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ،  ئالاقزەدە بولماسلىق كېرەك.

  ھازىر، شىنجاڭدا 10 پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى ئېلان قىلىندى: 3016111-0991، 18129201293، 18129201373، 18129201339، 18129201367، 18129201332، 18129202175، 18129202572، 18129202107، 13899806261.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى