تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر، ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلار ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى باشقۇرۇش تەدبىرىدە قانداق تەڭشىلىش بولدى؟ ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى سىرتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئولتۇراق رايونغا كىرسە بولامدۇ؟ 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن 13-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى سۇڭ ياجۈن كونكرېت ئەھۋالنى تونۇشتۇردى.
سۇڭ ياجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، كىشىلەرنى دەل جايىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر، ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلار ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى تەڭشىدى».
بىرىنچى، ھەرقايسى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر، ئۈرۈمچىگە قايتقانلار توغرىسىدا. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتىن كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار ساغلاملىق ئۇچۇرى كود ئۇچۇرى ۋە يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەرگە دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىلىپ، دەل جايىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلىدۇ. خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر چوقۇم 14 كۈن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلگەندىن كېيىن يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال رايونىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەرنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ساغلاملىق كودى «يېشىل كود»ى بولسا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرگەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق ئۇچۇرى كودىدا «نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن» بولسا، شىنجاڭ ساغلاملىق كودى(ئۈرۈمچى راۋان يۈرۈش كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا «خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن»(ياكى يېشىل كود) بولسا ھەمدە يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) بولسا، شۇ جايغا بارغاندىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن يول يۈرسە بولىدۇ؛ باشقا رايونلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەرنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ساغلاملىق كودى «يېشىل كود»ى بولسا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرگەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق ئۇچۇرى كودىدا «بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن» بولسا، شىنجاڭ ساغلاملىق كودى(ئۈرۈمچى راۋان يۈرۈش كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا «خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن»(ياكى يېشىل كود) بولسا ھەمدە يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) بولسا، ئاندىن يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان سىرتتىن كەلگەنلەر توغرىسىدا. 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتى 14 كۈنگە توشىدىغان سىرتتىن كەلگەنلەر ئەگەر باشقا جايغا قايتماقچى بولسا، چوقۇم شىنجاڭ ساغلاملىق كودى(ئۈرۈمچى راۋان يول يۈرۈش كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا «خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن»(ياكى يېشىل كود)» بولۇشى ھەم يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) ۋە ئانتىتېلا تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) بولۇشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى كىشىلىرى پىرىنسىپ جەھەتتە «زۆرۈر بولمىسا ئۈرۈمچىدىن چىقماسلىقى كېرەك». ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي ۋە مېھمانخانا تەۋە مەھەللىگە ئىلتىماس قىلىشى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئورنى تاپشۇرغان ماتېرىياللاردا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، مەھەللە ئىلتىماسنى تەستىقلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابلىرى، شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزاللارنىڭ كۈتۈش زالىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، تاشيوللاردا يولۇچىلارنىڭ ئالاقىدار ساغلاملىق كودى ئۇچۇرى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) ۋە ئانتىتېلا تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) تەكشۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا قىزىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللارنىڭ يوقلۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەم تىزىملانغاندىن كېيىن، ئايروپىلان، پويىز ۋە ئاپتوموبىل كۈتۈش زالىغا كىرىشكە ياكى ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، قايتىپ كېلىدىغان يەرلىك ئاھالىلەر توغرىسىدا. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايون ۋە خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال رايوندىن قايتىپ كەلمەكچى بولسا، مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق كودى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بولۇشى، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، مۇساپە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرغا ئۇقتۇرۇپ، ئولتۇراق رايونغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئۆيگە قايتىشقا قولايلىق يارىتىشى كېرەك. ئايروپىلان ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلار ئۈرۈمچى ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە بىناسى ياكى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئالاقىدار ساغلاملىق كودى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ، بىنورمال ئەھۋال بولمىغان يولۇچىلار ھەقسىز ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىغا يەتكۈزۈپ قويۇلىدۇ ھەمدە مەھەللە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئولتۇراق رايونىغا كىرسە بولىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاشيول ئارقىلىق قايتىدىغانلار ئالاقىدار ساغلاملىق كودى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كىرىدۇ، مەھەللە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئولتۇراق رايونغا قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونغا كىرگەندىن كېيىن، چوقۇم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئولتۇراق رايونلارنى يېپىق باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.