تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن شىنچۇ خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0دە، شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت كىيىمى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئىشچىلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى: ئىشچىلار مۇداپىئە كىيىمى ماتېرىياللىرىدىن چەبدەسلىك بىلەن كىيىم تىكىپ، يەنە بىر تەرەپتىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشىگە شارائىت ھازىرلىدى.
7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىر، بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كۈنىگە 5000 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بېكىتىلگەن كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت كىيىمى چەكلىك شىركىتى ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى جىددىي ئۆگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقاردى.
«ئەمما، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى، ئەينى چاغدا شىركەتنىڭ مۇۋاپىق ئىشلەپچىقىرىش سېخى يوق ئىدى، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائال ياردىمىدە، بىز شىنجاڭ تېفېڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان مىكروبسىز سېخىنى ماسلاشتۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردۇق. ئەينى چاغدا شىركىتىمىز 40 كۈندە 100 مىڭ قۇر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى تىكىپ ساقلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى» دېدى شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت كىيىمى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇي.
ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى گەرچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىركەتنىڭ يەنىلا ئۆزىگە تەۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخى بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايون، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېشىل تەستىقلاش يولى ئېچىپ، جىددىي تەستىقلاش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى... 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 7 مىليون 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت كىيىمى چەكلىك شىركىتىنىڭ 100 مىڭ دەرىجىلىك پاكىز زاۋۇت قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى ھەم 5-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.
7-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ شىركەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلىنىش ھالىتىگە ئۆتۈپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 250تىن ئارتۇق خادىمنى تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ كۈندىلىك مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3000 قۇرغا، ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2000 قۇرغا يەتتى.
«7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بۇ مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدىن بولدى، بىز ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى تېز سۈرەتتە قۇرۇپ چىقىمىز. بىز چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ياخشى ئورۇنداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تۆھپە قوشىمىز» دېدى ۋاڭ خۇي.
بۇنىڭدىن سىرت، شىركەت داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا تەلىپىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس 210 كىۋادرات مېتىرلىق بىيو فىزىكا تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىملىرىنى مىكروبسىز تەكشۈرۈشكە ئىشلەتتى.
«داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان <جەڭ تونى>دۇر، مىكروبسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىمۇ چوقۇم ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان مۇداپىئە كىيىمى تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش، ئۆلچەم، سۇ سىڭىشقا تاقابىل تۇرۇش، بىرىكمە قاننىڭ ئۆتۈشىگە تاقابىل تۇرۇش، مىكرو ئورگانىزم قاتارلىق ئۆتكەللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت كىيىمى چەكلىك شىركىتى بىيو فىزىكا تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى دىڭ لېي.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەت بىر ئاي ئىچىدە 100 مىڭ قۇر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ۋە 50 مىڭ قۇر ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىغان.