تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىللىق سىيمالارنى سىزىپ چىقىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇنخې يولى شىمالىي مەھەللىسىدە، رەسىم سىزىشقا ئۇستا مەھەللە خىزمەتچىسى ۋاڭ جىڭمىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئون نەچچە پارچە ئاددىي رەسىم ئەسىرىنى ئىجاد قىلىپ، قەلىمى ئارقىلىق مەھەللىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى سىزىپ چىقتى.

  7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ۋاڭ جىڭمىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھەر بىر پارچە رەسىمنى سىزغاندا ھېسسىياتىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى ھەممىسى ئەتراپىمدىكى ھەقىقىي ئادەم ۋە ئىشلار. بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىگە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مەھەللە خىزمىتىگە تېخىمۇ ماسلىشىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  رەسىملەرنىڭ مەزمۇنى گەرچە شۇنخې يولى شىمالىي مەھەللىسىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئەسەرلەردىن ئالاھىدە مەزگىلدە، نۇرغۇن ئاددىي كىشىلەرنىڭ خالىس تۆھپە قوشقانلىقى ۋە چىڭ تۇرغانلىقىدىن  قالتىس بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  شۇنخې يولى شىمالىي مەھەللىسىدە ئون نەچچە پىدائىي بار، ئۇلار نەسىھەت قىلىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئولتۇراق رايوندا ئاھالىلەرنىڭ ماسكا تاقىشىنىڭ ئۆلچەملىك بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، ئاھالىلەرنى ئۆيدىن چىقماسلىققا، تالاغا ئاز چىقىشقا دەۋەت قىلىش ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، شۇنخې يولى شىمالىي مەھەللىسىدىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۆزلىكىدىن مەھەللىنىڭ پىدائىيسى بولدى. دوختۇر يەتكۈزۈش، دورا يەتكۈزۈش، توك، گاز سېتىۋېلىش، ئاھالىلەرنىڭ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئىشلىرى، جىددىي ئىشلىرىنى ھەل قىلىشمۇ مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ قالدى.

  بىر قېتىم، بىر ئاھالىنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، كۆپچىلىك تېزلىكتە ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى.

  ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە، پىدائىيلار چارچىغانلىقىدىن زارلانمايدۇ. پىژغىرىم ئىسسىق چۈش ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى پىدائىي چۈشتىن بۇرۇنقى ئىزچىل ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن،  چىدىماي دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاپ قالدى،  بۇ كۆرۈنۈش كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتتى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كۆكتات، مېۋە-چېۋە يايمىلىرى يېپىق ئولتۇراق رايونلارغا كىرىپ، ئاھالىلەر تۇرمۇشىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شۇنخې يولى شىمالىي مەھەللىسىدە «دېزىنفېكسىيەلەش ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپىسى» بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس مەھەللىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدىكى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل، ئەخلەت قويۇش ئورنى، دەنيۈەن كارېدورى...... يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۇلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم قاراشلىق رايوندىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، بىرمۇ ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرمىدى.

  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، دوختۇر-سېسترالار ئولتۇراق رايونلارغا كىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى، بىرمۇ ئادەم چۈشۈپ قالمىدى.

  يۇقۇم ئالدىدا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە پىدائىيلار كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

(سۈرەتلەرنى ۋاڭ جىڭمىڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى