تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئانا-بالا بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى پىدائىي بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10دا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى رېنمىن جۇاڭزى كەنتىدىكى 50 ياشلىق رەن خەييەن ۋە خىزمەتداشلىرى بىر كۆكتاتلىققا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئاھالە ئالدىن زاكاز قىلغان كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ يىغىشقا باشلىدى. «قىزىم، بۈگۈن غەيرەت قىلايلى، ئاپاڭ سەن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىدۇ.» قىزىنىڭ بۈگۈن ئىنتايىن ئالدىراش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، رەن خەييەن كۆكتات ئۈزۈش ئارىلىقىدا قىزىغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدى.

  بۇ چاغدا، مىدۇڭ رايونى نېفىت-خىمىيە تەۋەلىك رايونى جۇڭشىڭ مەھەللىسىدە، 25 ياشلىق رەن شياۋرەن ئولتۇراق رايوننىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 2-قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتىۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەۋاتاتتى، ئۇ ئۇچۇرغا بىر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن دەرھال «غەيرەت قىل» دېگەن ئىپادىنى يوللاپ، يەنە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بولدى.

  بۇ ئانا-بالا ئىككىيلەن بىللە پىدائىي بولغان 12-كۈن، ئىككىيلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدا ھەر كۈنى پەقەت تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  رەن خەييەن ئادەتتە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدۇ، بۇ قېتىم يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئانا-بالا ئىككىيلەن مەسلىھەتشىۋالغاندەكلا ھەرقايسىسى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان مەھەللىدە پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. رەن شياۋرەن كىچىكىدىنلا ئانىسىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، «باشقىلار ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا چىقىشىمىز كېرەك» بۇ سۆز ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى.

  كۆكتاتلىقتا قىزىغا ئۇچۇر يوللاپ بولغاندىن كېيىن، رەن خەييەن داۋاملىق كۆكتات ئۈزۈپ، باغلاپ، مىقدارى بويىچە ئورىدى، ئىككى سائەتتەك ئالدىراش بولغاندىن كېيىن كۆكتاتلارنى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا بېسىپ، قاراشلىق رايوندىكى كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا تارقاتتى. ئۇ يەردە، باشقا پىدائىيلار ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتاتتى. كۆكتاتلارنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، رەن خەييەن دەرھال قاراشلىق رايوندىكى باشقا بىر دىجورنىلىك نۇقتىسىغا بېرىپ يېڭى خىزمىتىنى باشلىدى.

  بېرىپ كېلىش جەريانىدا، ئىككى قات ماسكا تاقىۋالغاچقا، ئۇ سەل بىئارام بولۇشقا باشلىدى. «قىزىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسام بولمايدۇ» ئۇ كۈلۈپ شۇنداق دېدى، ھەر كۈنى تېلېفونلاشقاندا قىزى ئۇنىڭغا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشنى تاپىلايدۇ، ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ «ئاپا، سىز ئۇ يەردە يالغۇز تۇرىسىز، مەن بەك ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن، چوقۇم ئۆزىڭىزنى ياخشى قوغداڭ.» ھەر قېتىم قىزىنىڭ ئەركىلىگەن ھالدا تاپىلىغىنىنى ئاڭلىغىنىدا ئۇنىڭ قەلبى ئىللىپ قالاتتى.

  چۈشتە، مەھەللىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى، رەن شياۋرەن دەرھال بېرىپ مۇنچىغا چۈشتى. بۇ چاغدا 82 ياشلىق مومىسى تاماقنى تەييار قىلىپ قويغانىدى. ئانىسى ئۆيدە بولمىغاچقا، بۇ مومايغا قاراش مەسئۇلىيىتىنى شياۋرەن ئۈستىگە ئالسا بولاتتى، لېكىن ئۇ بەك ئالدىراش بولغاچقا، موماينىڭ غەمخورلۇق قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. تاماق يەۋېتىپ، رەن شياۋرەن ئاھالىلەرنىڭ ئۇن لازىم بولغانلىقى ھەققىدىكى تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ تاماقنى قويۇپ ئالدىراش بىنادىن چۈشۈپ، ئۇدۇل ماددىي ئەشيا تەمىنلەش نۇقتىسىغا يۈگۈردى.

  ئەتىگەن سائەت 9لاردا ئىشىكتىن چىقىدۇ، چۈشتە ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيدۇ، كەچتە 12 لەرگىچە ئالدىراش بولىدۇ، بۇ ئارىلىقتا كۆكتات يەتكۈزىدۇ، ئەخلەت تۆكىدۇ، چارلايدۇ، ئاھالىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىدۇ...... ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، رەن شياۋرەننىڭ ھەر كۈنلۈك ۋېيشىن ھەرىكىتى 30 مىڭ قەدەم ئەتراپىدا بولغان. «بىر نەچچە كىلوگىرام ئورۇقلاپ قاپتىمەن، قارىداپمۇ قالدىم، مەنمۇ دەل ئورۇقلاي دەپ تۇراتتىم، ھا ھا ھا» دېدى ئۇ.

  رەن شياۋرەن كۆكتاتنى يەتكۈزۈپ بولغاندا، رەن خەييەنمۇ دەل ئىشتىن چۈشۈپ، تۇرىدىغان ئورنىغا قايتىپ تاماق ئېتىپ يېمەكچى بولۇپ تۇراتتى، كەچتە يەنە قاراشلىق رايوندىكى چارلاشقا قاتناشماقچى ئىدى. تۇرىدىغان ئورنىغا قايتىپ تۇرۇشىغا، قىزنىڭ سىنلىق تېلېفونى كەلدى: «ئاپا، نېمە تاماق ئېتەي دەيسىز؟ بۈگۈن چارچىدىڭىزمۇ؟......» ئۇ قىزىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماي، قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلدى: «بۈگۈن مۇداپىئە كىيىمىنى شۇنچە ئۇزاق كەيدىڭ، جاپا چەكتىڭ قىزىم..........» ئانا-بالا ئىككىيلەن خۇشال ھالدا 10 مىنۇتتەك پاراڭلاشتى.

  «ھەر كۈنى ئاپام بىلەن بىردەم پاراڭلىشىۋالسام، ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن بەدىنىمگە ماغدۇر كىرگەندەك بولىمەن.» دېدى رەن شياۋرەن، ئۇ دائىم پىدائىيلىقتا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئاپىسىغا دوكلات قىلىپ، ئاپىسىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلايدۇ.

  «ھەر كۈنى قىزىم بىلەن پاراڭلاشسام، چارچىغاندەك ھېس قىلمايمەن.» دېدى رەن خەييەن كۈلۈپ تۇرۇپ. «بىز كۆرۈشمىگىلى 10 نەچچە كۈن بولدى، ئۇنى بەك سېغىندىم. ئەمما بىز چوقۇم ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىمىز، مەن يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» گەرچە بىر يەردە بولمىسىمۇ، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ ئارزۇسى بىردەك. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى