تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشى باھالىق يېڭى كالا-قوي گۆشى بازارغا سېلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، سائەت 17 دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 12-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقى يەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى «2020-يىللىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە گۆش تۈرىنى بازارغا سېلىش لايىھەسى»نى تەستىقلاپ يولغا قويدى، سودا تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرنى پائال قوللىنىپ، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش تۈرى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق.

  7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، تەكشى باھالىق يېڭى كالا-قوي گۆشى ئۇدا بازارغا سېلىنىدۇ، 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشىنىڭ بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەندى. «كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەكشى باھادا، خاتىرجەم گۆش ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن، بىز توپ باھادا سېتىۋېلىپ، تولۇقلىما بېرىلگەندىن كېيىنكى باھا بويىچە بازارغا سالىمىز.» دېدى يەن جۈن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بازارغا سېلىنغان يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 60 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدى پۇت بىلەن بويۇن گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 60 يۈەن، كەينى پۇت بىلەن دۈمبە گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 65 يۈەن، قوۋۇرغا گۆشنىڭ ھەر كىلوگرامى 55 يۈەن بولىدىكەن. بازارغا سېلىنغان يېڭى كالا گۆشى (لوق گۆش)نىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 66 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كالا پاچىقى گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 69 يۈەن، پەش گۆشنىڭ ھەر كىلوگىرامى 63 يۈەن بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا 20 كۈن توڭلىتىلغان چوشقا گۆشى، توڭلىتىلغان توخۇ گۆشى بازارغا سېلىنىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، چوشقا گۆشىدىن 100 توننا بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى 35 يۈەن؛ توخۇ گۆشىدىن 100 توننا بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى 11 يۈەن بولىدىكەن.

  «تەكشى باھالىق گۆشنى ھەر بىر ئادەم كۈنىگە 5 كىلوگىرامدىن ئارتۇق سېتىۋالماسلىقى كېرەك، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گۇۋاھنامىسى، نەپىقە گۇۋاھنامىسى، مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى بارلار ئالدىن سېتىۋالسا بولىدۇ.» دېدى يەن جۈن.

  بۇ قېتىمقى تەكشى باھالىق گۆشنى بازارغا سېلىشتا ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇناسىپ خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، بازارغا سېلىش نۇقتىسى ۋە بازارغا سېلىش سانىنى بېكىتىپ، مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ياكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مەھەللىگە كىرىپ سېتىشقا ياكى مەھەللە بىر تۇتاش بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ياكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ مالنى ئېلىپ تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەشكىللەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ