تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقنىغان پىدائىيلار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى شىمىگۇ رايونى جېنئەن كوچىسى كوچا باشقارمىسىنىڭ شەنرۇن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرگە ئۇلار بۇيرۇتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7- ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كۇەنبېيشياڭ مەھەللىسىدە، پىدائىي ئەخمەت ئەلى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، چاچلىرى ۋە كۆز قوغداش ئەينىكى تەردىن ھۆل بولۇپ كەتتى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ يىنخې مەھەللىسىدىكى پىدائىي ليۇ پىڭ (سولدا) ئوغلى بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يىڭبىڭ يولى لۇجىن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ توك كارتىسىغا توك قاچىلاپ بەرمەكتە. (لېي رۇنفەن فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كېپىڭ يولى شىمالىي مەھەللىسىدە، پىدائىي چۇ جۈن ئاھالىلەرگە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا. (دۇ يۈجېن فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۇەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاھالىلەر تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالەت نۇقتىسىدا، پىدائىي ما چياڭ ئاھالىلەرگە كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى جۇڭۋەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ جىنكۇن ئولتۇراق رايونىدا، داشۆ ئوقۇغۇچى پىدائىيسى سۇ شۈن(سولدا) ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە قوغۇن تەقسىملەپ يەتكۈزمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قەتئىي چىڭ ساقلىدى، يەنە پىدائىيلار شەخسىيەتسىز ئەجىر سىڭدۈردى، ئۇلار ئىللىقلىق ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان.

بۇ تەر تۆكۈپ بەرپا قىلىنغان يول، شۇنداقلا مېھىر - مۇھەببەت ۋە ئۈمىد چېچىلغان يول. ئۇلار ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرىلەپ، نەچچە ئونمىڭ قەدەم مېڭىپ ئاھالىلەرگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئۇلار زېرىكمەي - تېرىكمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، جاپادىن قورقماي تازىلىدى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ئورۇندۇققا يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالغان ئاشۇ ھالىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ؛ پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسىنىڭ بىر تەرىپىدە، ئۇلار ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئەندىشىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، كەسپىي بىلىملىرى ۋە باھار شامىلىدەك ئىللىق سۆزلىرى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قارا بۇلۇتلارنى تارقىتىۋەتتى...

− ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئىسمى بار، ئۇ بولسىمۇ پىدائىيلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ