تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم مەزگىلىدە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، دۇۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 12-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي يۇقۇم مەزگىلىدە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىگە كەسپىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى.

جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپكارلارنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى باشقۇرۇش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، ئۇچۇرىنى تىزىملاش ۋە تەشۋىق-تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت مۇھىتىنى پاكىزلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خىزمەتچى خادىملار بىر مېتىردىن ئارتۇق ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلىشى، يېپىق بوشلۇقتا ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاشقا دىققەت قىلىشى، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك.

ماسكا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە دورىسى قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش رايونى تەسىس قىلىپ، ئورۇننىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەتچى خادىملار ماسكا تاقىشى، خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ھەر كۈنى خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تىزىملىشى كېرەك، ئەگەر خىزمەتچى خادىملاردا قىزىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تۇرۇشلۇق جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يۆتكەشنى يولغا قويۇش كېرەك.

ئورۇنلاردىكى خادىملارغا ساغلاملىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ساغلاملىق ئەسكەرتمىسىنى چاپلاپ، ھەرخىل ئېكرانلاردىن پايدىلىنىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئىشخانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، ئەگەر ئىدارىدا ئىشلەتكەن مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ يېڭى شامال يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بولمىسا، ئىشلىتىشتىن توختىتىپ، ئەڭ ياخشىسى ئايرىم گەۋدىلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش كېرەك.

لىفىت، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قاتارلىق ئاممىۋى ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەر ۋە ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق كۆپ قېتىم ئۇچرىشىدىغان جىسىملارنىڭ يۈزىنى تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئاممىۋى رايون ۋە ئىشخانا رايونى مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلىشى كېرەك. يىغىن ئېچىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يىغىن ۋاقتىنى قىسقارتىپ، توردا سىن يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

خەۋپ-خەتەر ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خىزمەت قىلىش ئورنىغا كىرىدىغانلارنىڭ سانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، خىزمەتچى خادىملار ئورۇن ئايرىپ، تارقاق ئولتۇرۇشى كېرەك. شارائىتى بارلار ئۆيىدە ئىش بېجىرىش، توردا ئىش بېجىرىش، تارقاق ئىش بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى كۆرۈلگەن ئورۇنلار، شۇ جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سورۇننى تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىيە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنى تازىلاپ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك، سەھىيە ئىلمى بويىچە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن قايتا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى